Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇراق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يامان، ھەرخىل پارچە - پۇرات لاتىلار ۋە شۇنداق لاتىلاردىن قۇراشتۇرۇپ تىكىلگەن چاپان.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ياماق، ھەر خىل لاتىلاردىن قۇراشتۇرۇپ تىكىلگەن چاپان، ساۋۇت.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىرتىلغان، تېشىلگەن، ئۈزۈلگەن... يەرنى يامىغاندا ئىشلىتىلگەن رەخت، لاتا.
<قۇراق> ئۇششاق، پارچە لاتىلاردىن قۇراشتۇرۇلغان لاتا.
يەرنىڭ يامىقى يوق، سۆزنىڭ ئايىغى. ياخشى سۆزگە قۇلاق سال، يامان سۆزگە ياماق. قۇراق تەكىيە ئەجىرسىز كەلگەن مامۇق ياستۇقتىن ياخشى.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
قۇراشتۇرۇلغان. مەسىلەن: قۇراق چاپان، قۇراق كۆپە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قۇراشتۇرۇلغان.
قۇراق چاپان، قۇراپ كۆرپە.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دىئال. قىياقنىڭ قۇرۇقلۇقتا ئۆسىدىغان بىر تۈرى.