Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇمىق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئىرقشۇناسلىق
مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان مىللەت ۋە بۇ مىللەتكە مەنسۇپ كىشى. ئۇلار ئاساسەن رۇسىيىنىڭ داغىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە ياشايدۇ. تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىدىكى تۈركىي تىللار ئائىلىسىنىڭ قىپچاق - پولوۋ تىللىرى تارمىقىغا كىرىدۇ. ئۇلار دەسلەپ ئەرەب يېزىقى، ئاندىن لاتىن يېزىقىنى ئىشلەتكەن. 1939 - يىلدىن باشلاپ رۇس ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقنى قوللىنىپ كەلمەكتە.