Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
区联派
دۇنيا تارىخى
مىژ رايونچىلار
ئەسلى ئىسمى <روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى رايونلۇق بىرلەشمە كومىتېتى> بولۇپ، كېيىن <رايونلۇق بىرلەشمە كومىتېتى> دەپ ئاتالغان. 1903-يىلى پېتېر - بۇرگدا قۇرۇلغان. قاتناشقۇچىلىرى پېتېربۇرىكتىكى، مېنشېۋېكلار ۋە بولشېۋىكلار ئىچىدىكى پارتىيىدىن ئايرىلغان قىسمەن ئۇنسۇرلاردىن ئىبارەت. ئۇلار پېتېربۇرگدىكى بولشېۋىك ۋە مېنشېۋىك تەشكىلاتلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ <بىرلىككە كەلگەن روسىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى> قۇرۇشقا ئۇرۇنغان. ئۇلار بولشېۋىكلارغا قارشى، لېكىن بەزى مەسىلىلەردە يەنە مېنشېۋېكلاردىن سولراق. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە بىتەرەپ مەيدان قوللانغان. فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن مېنشېۋىكلاردىن ئادا - جۇدا بولغان. روسىيە سوتسىئال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ 6-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، بولشېۋىكلار پارتىيسىنىڭ سىياسەتلىرىنى قۇۋۋەتلەيدىغان بايانات ئېلان قىلىپ، پارتىيىگە كىرىشنى ئىلتىماس قىلغان ۋە قۇرۇلتاينىڭ مۇزاكىرىسى ئارىلىق تەستىقلانغان (تەخمىنەن 4000 كىشى). بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلەر مەسىلەن ۋولودارىسكى (1891 - 1819)، ئورىتىسكى قاتارلىقلار ھەقىقىي بولشېۋىكلارغا ئايلانغان. مىژ رايونچىلارنىڭ باشلىقى تروتىسكى قاتارلىقلار بولسا ماركسىزم - لېنىنىزمغا قارشى مەيدانىدا داۋاملىق چىڭ تۇرغان. بۇ گۇرۇھنىڭ پائالىيىتى 1917-يىلى توختىغان.