Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇل
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
خىزمەتچى، مالاي، قۇل:
بۇ نۇقساننامەنى شەرھ ئەيلەگەن قۇل،
تۆكەر مۇنداغ كۆڭۈل مىناسىدىن مۇل.
ناقىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەركىدىن ئايرىلغان، پۈتۈن تەقدىرى خوجىسىنىڭ ئىختىيارىدا بولغان كىشى.
«بەندە» ئاللا ئالدىدىكى قۇل.
قۇل ئىشلەپ، بەگدەك يە. قۇلنىڭ ناخشا ئېيتقىنى شادلىقتىن ئەمەس، ئاچلىقتىن. ئەقىل بىلەن يانچى بولار ئازاد. بەندىنىڭ نومۇسى يۈزىدە.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆز ئەركىدىن، ھەق - ھوقۇقىدىن ئايرىلغان، ئەرك - ئىختىيارى باشقىلارنىڭ قولىدا بولغان.
ھۆر، ئازاد، ئەركىن
ئۆز ھەققى - ھوقۇقىغا ئىگە، ئەرك - ئىختىيارى ئۆز قولىدا بولغان.
جاپا - ئازاب چېكىپ ھۆر بولار، سەدەپتە قامىلىپ دور بولار. كاسىپتىن شاد - خۇرام ھۆر يوق جاھاندا، ھۈنەردىن ياخشىراق دۇر يوق جاھاندا. ئەقىل بىلەن قۇل ئازاد بولار. ئازادقا ئالەم كەڭ. زەنجىرلىنىپ توق يۈرگەندىن، ئاچ يۈرسەڭمۇ ئەركىن بول. قۇلنىڭ ناخشا ئېيتقىنى شادلىقتىن ئەمەس، ئاچلىقتىن. دېدەڭنىڭ دەردى ئىچىدە. چۆرە قىز.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قۇل.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قۇل ياغى ئىت بۆرى _ قۇل يېغا، ئىت بۆرە.
1 - 438
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تارس. ئېكسپىلاتاتسىيە تۈزۈمىدىكى جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى دەۋرلىرىدە خۇسۇسىي مۈلۈك، مال - دۇنيا قاتارىدا ئېلىپ سېتىلغان، تەقدىرى پۈتۈنلەي قۇلدارغا قاراشلىق بولغان، ئۆزى ھېچقانداق ھوقۇق ۋە مال - مۈلۈككە ئىگە بولمىغان چاكار.
قۇل بازىرى.
كۆچمە. بىركىمگە، بىر نەرسىگە قاتتىق بېرىلگەن كىشى، ئۇنىڭ پىدائىيىسى.
خوتۇن كىشى - تۆت تامنىڭ قۇلى (ماقال).