Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
屈肌反射
ئادەم ئاناتومىيىسى
qū jī fǎn shè
پۈكلەش مۇسكۇل رېفلېكىسىDتېببىي
qū jī fǎn shè
پۈككۈچى مۇسكۇل رېفلېكسى
بىئولوگىيە
پۈككۈچى مۇسكۇل رېفلېكس
مۈچە (پۇت - قول) غىدىقلانغاندا تەسىرگە ئۇچرىغان بىر تەرەپتىكى پۇت - قوللارنىڭ پۈككۈچى مۇسكۇللىرى قىسقىراپ پۈكۈلۈش (ئېگىلىش) رېئاكسىيىسى ھاسىل بولىدۇ، بۇ پۈككۈچى مۇسكۇل رېفلېكسى دېيىلىدۇ. ئۇ زەخىملىنىش خاراكتېرىدىكى تەسىرلەرنىڭ ئورگانىزمغا بولغان زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان، قوغداش خاراكتېرلىك فىزىئولوگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈككۈچى مۇسكۇل رېفلېكسىدا ئېگىلىگەن بوغۇمنىڭ پۈككۈچى مۇسكۇلى غىدىقلىنىپ قىسقىرايدۇ، تۈزلىگۈچى مۇسكۇلى تورمۇزلىنىپ كېڭىيىدۇ. پۈككۈچى مۇسكۇل رېفلېكسى بىلەن تۈزلىگۈچى مۇسكۇل ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلغاندىلا ئاندىن ئەمەلگە ئاشىدۇ. پۈككۈچى مۇسكۇل رېفلېكسىنىڭ سىجىللىقى غىدىقلاشنىڭ سىجىللىقىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. مەسىلەن، تاپان ئاجىز غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا پەقەت ئوشۇق بوغۇمىنىڭ پۈكۈلۈشىنىلا قوزغىتالايدۇ؛ غىدىقلاش كۈچەيگەندە بولسا، تىز بوغۇمى ۋە يانپاش بوغۇملىرىمۇ پۈكۈلىدۇ؛ غىدىقلاش يەنە كۈچەيتىلسە ئوخشاش تەرەپتىكى پۇت - قوللاردىكى پۈكۈلۈش رېفلېكسى بىلەن بىرۋاقىتتا قارىمۇ قارشى تەرەپتىكى پۇت - قوللاردا تۈزلىنىش رېفلېكسى پائالىيىتى يۈز بېرىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇدۇل (قارىمۇ قارشى) تەرەپتىكى تۈزلەنگۈچى مۇسكۇل رېفلېكسى دېيىلىدۇ. قارىمۇ قارىشى تەرەپتىكى تۈزلەنگۈچى مۇسكۇل رېفلېكسىنىڭ رېفلېكسى ياكى نىسبەتەن مۇرەككەپرەك بولۇپ، كۆپ نېۋرونلاردىن تەركىب تاپىدۇ. يەنى سېزىم نېۋرونى بىلەن ھەرىكەت نېۋرونىنىڭ ئارىسىغا بىر ياكى نۇرغۇن ئارىلىق نېۋرونلار قوشۇلىدۇ. ئوخشاش بىر كىرگۈچى نېۋروننىڭ نېرۋا ئىمپۇلىسىنىڭ تەسىرىدە ئارىلىق نېۋرونلار ئارقىلىق ئوخشاش تەرەپتىكى (ياندىكى) ياكى قارىمۇ قارشى تەرەپتىكى ئوخشاش بوغۇم ئارىلىقى ياكى ئاستى - ئۈستى ئوخشىمايدىغان بوغۇم ئارىلىقىدىكى ھەرىكەت نېۋرونلىرىغا يەتكۈزۈلۈش بىلەن پۈككۈچى مۇسكۇل ياكى تۈزلەنگۈچى مۇسكۇل پائالىيىتىنى غىدىقلاپ ياكى تومۇزلاپ بىر ياندىكى پۇت - قوللارنى پۈكۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بىر ئۇدۇل (قارىمۇقارشى) تەرەپتىكى پۇت - قوللارنى تۈزلەندۈرۈپ بەدەن ئېغىرلىقىنى تىرەپ يىقىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. شۇڭا ئۇ قىياپەت (تۇرق) نى ساقلاشتا رېفلېكسلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.