Uyghurئاساسىي لۇغەت
قۇچماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قۇچاقلىماق:
تۈشدە كۆسەم سېنى قۇچۇپ دىلبەرم،
رەڭگى رويۇم كەتتى ئۆچۈپ دىلبەرم.
قەلەندەر.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قۇچاقلىماق.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
قۇدا، قۇداغۇي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قۇچاق ئارىسىغا ئېلىپ، باغرىغا، كۆكرىكىگە باسماق؛ قۇچاقلىماق.
بېلىدىن قۇچماق.
كۆچمە. ئوراپ ئالماق، قاپلىماق؛ بىر ئالماق.
بولغاچ ئۇلار ئۇستازىم مېنىڭ، مەدھىيىلەيدۇ كۈي - سازىم مېنىڭ. پەخىرلەنسەم ئۇلاردىن ھەر چاغ، كۆكنى قۇچار ئاۋازىم مېنىڭ.
كۆچمە. قولغا كەلتۈرمەك، ئېرىشمەك، قازانماق، ئىگە بولماق.
زەپەر قۇچماق، غەلىبە قۇچماق.