Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
全头类
بىئولوگىيە
پۈتۈن باشلىقلار
گولوتسېفاللار دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۆمۈرچەكلىك بېلىقلارنىڭ بىر تۈركۈمى، شۇنداقلا بېلىقلار سىنىپىدىكى پۈتۈن باشلىقلر كەنجى سىنىپى ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار كۈمۈرچەكلىك بېلىقلارنىڭ ئادەتتىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئىگە بولغاندىن باشقا يەنە ئاساسلىقى تۆت جۈپ ژابرا يېرىقچىسى بولۇپ، ژابرا قاپقىقى شەكىللىك تېرە پەردىگە يېپىلىپ تۇرىدۇ ۋە پەقەت بىرلا ژابرا تۆشۈكى سىرتقا ئېچىلىدۇ، تەڭگىچىسى يوق، تېرىسى سىلىق، پارقىراق، باش سۆڭىكى ئۆزلۈكىدىن تۇتاشقان، سۇ پۈركۈش تۆشۈكى ۋە كلوئاكا بوشلۇقى يوق. ئۇلارنىڭ تاشقا ئايلانغان قالدۇقلىرىنى دېۋون دەۋرىدىن ئىككىلەمچى دەۋرىگىچە يەر قاتلاملىرىدىن تېپىشقا بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان تۈرلىرى ناھايىتى ئاز. مەملىكىتىمىزدىن پەقەت توشقانباش بېلىقلا (Chimasra phantasma) چىقىدۇ، شەرقىي جۇڭگو ۋە شىمالىي جۇڭگو دېڭىز بويلىرىدىمۇ تېپىلىدۇ. ئۇنىڭ تۇمشۇقى يۇمىلاق؛ كۆكرەك پالاقچىسى چوڭ، قۇيرۇقى ئىنچىكە ئۇزۇن ئەگرى بولىدۇ؛ يان سىزىقى تەرەققىي قىلمىغان، ئېرىقچە شەكىللىك بولىدۇ. ئەركەك تەنىدە پالاقچە ئايىغىدىن باشقا يەنە باش دۈمبە چېتىشىش ئاپپاراتى بولىدۇ؛ بەدەن ئىچىدە ئورۇقلىنىدۇ. تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمى مۈڭگۈز ماددىلىق تۇخۇم خالتىسىغا ئورۇلۇپ تۇرىدۇ. توشقانباش بېلىق (پانتاسما) نىڭ چىشلىرى بىرىكىپ چىش پلاستىنكىسىغا ئايلانغان بولۇپ، چايناشقا ماسلاشقان. چوڭقۇر دېڭىزلاردا ياشاپ، دېڭىز تېگىدىكى مولليۇسكلار بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. لېكىن ئىقتىسادىي قىممىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس.