Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىسقىسى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قىستۇرما سۆز. نوتۇقتا ئۇزۇن سۆزلەپ، يەكۈنلەش تەرزىدە ئېيتىلىدۇ.
قىسقىسى، ئىشىمىز غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، كۈچىمىز ئۇلغىيىۋاتىدۇ. سۆزۈم تۈگىدى، ھاسىل كالام، تېز يېڭىمىز. ھاياتتا كىم قالدۇرسا ئەبەدىي نام، ئەڭ بەختلىك ئادەم شۇ: خۇللەس كالام. يىغىپ ئېيتقاندا، نەتىجە زور، كەمچىلىك جىق. يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، قىيىنچىلىق كۆپ، ئۈمىد زور.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
يۈكلەنمە
قىسقىچە قىلىپ، يىغىپ ئېيتقاندا، گەپنىڭ بولار يېرى.
ھاكىمنىڭ ئىشلىرى ھەقىقەتەن كۆپ، بىردەم ئۇ مەجلىس، بىردەم بۇ مەجلىس؛ قىسقىسى ئىش تولا.