Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قىسقا مەزگىللىك پارلامېنت
دائىرە: دۇنيا تارىخى短期国会
duǎn qī guó huì
ئەنگلىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىنىڭ ھارپىسىدا ئېچىلغان بىر نۆۋەتلىك پارلامېنت. 1640 - يىل 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئېچىلىپ، 5 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ئاخىرلاشقان، ئاران ئۈچ ھەپتىدىن كۆپرەك ۋاقىت مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق دەپ ئاتالغان. چارلېس Ⅰ مەبلەغ توپلاپ، 1637 - يىلى پارتلىغان شوتلاندىيە قوزغىلىڭىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 12 يىل داۋاملاشقان (1629 - يىلى 3 - ئايدىن 1640 - يىلى 4 - ئايغىچە)پارلامېنت بولمىغان ھۆكۈمرانلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبور بولۇپ، كېمە بېجىنى بىكار قىلىشنى ۋەدە قىلىپ، شوتلاندىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا قارشى تۇرغان ھەمدە چېركاۋ بىلەن پادىشاھ جەمەتىگە بولغان نارازىلىقىنى بايان قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇقتىن قالايمىقان پايدىلىنىش ھادىسىلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىشنى، كىنەز ستراففوردنى جازالاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي كورۇل تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–خەنزۇچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.
بۇ سۆز Lughet توپلىمىدىكى باشقا مەنبەلەردىمۇ ئۇچرايدۇ — تۆۋەندىكى تىزىملىكنى كۆرۈڭ.