Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىساس كومىتېتى
دۇنيا تارىخى
1905 - 1911 - يىللىرى ئىران ئىنقىلابى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئانارخىستلار قۇرغان تېررورلۇق تەشكىلات. 1917 - يىلى 4 - ئايدا قۇرۇلغان. ۋەزىپىسى ئىراندىكى ئەنگلىيەپەرەسلەرنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈپ، پادىشاھ جەمەتى ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ئەنگىلىيىلىكلەرنى ئىراندىن قوغلاپ چىقىرىشتىن ئىبارەت. مەزكۇر كومېتىت قۇرۇلۇپ بىرنەچچە ئاي ئىچىدىلا تەخمىنەن ئون قېتىمدەك تېررورلۇق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان. كېيىن ئىچكى قىسىمدىكى بەزىلەرنىڭ پاش قىلىپ قويۇشى تۈپەيلىدىن تەشكىلات ۋەيران بولۇپ، كۆپلىگەن ئەزالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.