Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىرىق بوغۇم
بىئولوگىيە
قىرىق بوغۇم ئائىلىسىگە كىرىدۇ. كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يەر ئاستى غولى تىك ئۆسىدۇ، ئوتتۇرىسى كاۋاك بولۇپ، 20 - 30 كۆندىلەك قىرى بولىدۇ، قىرلارنىڭ ئۈستىدە ئىككى قاتار سۆگەلسىمان ئۆسۈكچە بولىدۇ. غولى ئىنتايىن يىرىك بولۇپ، تەركىبىدە سىلتسىي مول بولىدۇ، ئادەتتە شاخلانمايدۇ. يوپۇرمىقى غىلاپسىمان بولۇپ بوغۇمنى چىڭ ئوراپ تۇرىدۇ، يوپۇرماق غىلىپىنىڭ تۈۋى بىلەن غىلاپ چىشىدىن ئىككى قارا چەمبەر ھاسىل بولىدۇ. غىلاپ چىشىنىڭ ئۇچىدىكى قويۇق قىسمى بالدۇر تۆكۈلۈپ ئۇچسىز باشنى ھاسىل قىلىدۇ، يوپۇرماق غىلىپىنىڭ دۈمبە تەرىپىدە ئىككى تال قىرى بولۇپ، ئۇ تىرە ئېرىقچىنى ھاسىل قىلىدۇ. سپورا خالتا باشىقى شېخىنىڭ ئۇچىدا پۆپۈكسىمان بولۇپ ئۆسىدۇ، سپورىنىڭ شەكلى بىر خىل بولىدۇ. جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى ھەرقايسى ئورۇنلارغا تارقىلىدۇ. يول ياقىسى، ئوتلاق، دۆڭلۈك ۋە شالاڭ ئورمانلىقلاردا ئۆسىدۇ. پۈتۈن ئۆسۈملۈك تۈپى دورىغا قوشۇلىدۇ، شامالنى تارقىتىش، ئىسسىقنى قايتۇرۇش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئاساسەن شامالدىن بولغان كۆزدىن ياش ئېقىش، كۆز پەردىسىمان تورلىشىش قاتارلىق كېسەللەرنى داۋالاشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا قورۇپ قان توختىتىش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇپ تەرلىتىش رولىنىمۇ ئوينايدۇ. غولى يەنە مېتال ياكى ياغاچ بۇيۇملارنى سۈرتۈپ پارقىرىتىشقىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.