Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قىرىم خانلىقى
دىنى سۆزلۈكلەر
克里米亚汗国
kè lǐ mǐ yà hàn guó
تارىخ
克里米亚汗国,克里木汗国
kè lǐ mǐ yà hàn guó ,kè lǐ mù hàn guó
دۇنيا تارىخى
克里木亚汗国
kè lǐ mù yà hàn guó
تاتارلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان فېئوداللىق دۆلەت قىرىم يېرىم ئارىلى ۋە دون دەرياسى، دېنپېر دەريالىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى رايونلارغا جايلاشقان. ئەسلىدە ئالتۇن ئوردا خانلىقىغا تەۋە يەر. ⅣⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئەمەلىيەتتە ئالتۇن ئوردا خانلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدىن ئايرىلىپ چىققان. تەخمىنەن 1443 - يىلى، ھۆكۈمران ھاجى گىراي (1427 - 1466) ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن رەسمىي بۆلۈنۈپ چىقىپ، قىرىم خانلىقىنى قۇرغان. باغچە ساراينى پايتەخت قىلىپ بەلگىلىگەن. 1475 - يىلى تۈركىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 1478 - يىلى تۈركىيىگە بويسۇنغان. 1480 - يىلى قىرىم خانى موسكۋا كىنەزلىكىنىڭ ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. 1502 - يىلى، ئالتۇن ئوردا خانلىقى مۇنقەرز بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ موسكۋا كىنەزلىكىگە قارشى تۇرغان. 1774 - يىلى، روسىيە ئايال پادىشاھلى يىكاتىرىنا Ⅱ تۈركىيەنى قىرىم خانلىقىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبور قىلغان. 1783 - يىلى ئۇنى روسىيە زېمىنىغا قوشۇۋالغان.