Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىرماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاھالىنى كۆپلەپ ياكى يۈتۈنلەي ئۆلتۈرمەك.
ياپون جاھانگىرلىكى جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە، نۇرغۇن جۇڭگولۇقنى قىرغان. ياپون جاھانگىرىكى نەنجىڭدا 300 مىڭدىن كۆپ جۇڭگولۇقنى قىرغىن قىلغان.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
قازان تۈۋى، قازاننىڭ تېگىگە چاپلىشىپ قالغان تاماق يۇقۇندىسى (بەزى جايلاردا «قىسماق» مۇ دېيىلىدۇ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
نەرسىلەرنىڭ يۈزى، ئىچى ۋە باشقا جايلىرىدىكى قاتتىق - قۇرۇق نەرسىلەر، ئېگىز - پەس يەرلەر ياكى ئۈستىدىكى موي، تۈك قاتارلىقلارنى تىغلىق ئەسۋابلار بىلەن كېسىپ ئېلىۋەتمەك، تۈزلىمەك، سىلىقلىماق.
قازان قىرماق. سەۋزە قىرماق.
قورال بىلەن كۆپلەپ ئېتىپ ئۆلتۈرمەك،قىرغىن قىلماق.
دۈشمەننى قىرماق.
كېسىپ تۈگەتمەك، بىرنى قويماي يوقاتماق.
دەرەخلەرنى قىرماق.
كۆچمە. ئېلىۋەتمەك (ھامىلە ھەققىدە).
بالا قىرماق.
قاقماق.
گېلىنى قىرماق.