Uyghurئاساسىي لۇغەت
قېرىم
شىۋىلەر
خەندەك، ئاكوپ، ئورەك. مەسىلەن:
كۆتەل بېشى تەنشىڭدە،
تەسكەن ئوتۇن چاپتۇق بىز،
قېرىم بىلەن شەر سوقۇپ،
ئوتتۇرىسىدا ياتتۇق بىز.
( بۇ سۆز خوتەندە « قېيىم »، كۇچادا « قېزىم » دېيىلىدۇ ).
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھەرخىل مەقسەتلەردە پايدىلىنىش ئۈچۈن چوڭقۇر چېپىلغان ئورەك، ئېرىق؛ چوڭقۇرلۇق، ئازگال، خەندەك.
قېرىم چاپماق. قېرىم كولىماق.