Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىرغاق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەريا، دېڭىز، كۆللەرنىڭ ئەتراپى.
كىچىك قولۋاقنىڭ قىرغاققا يېقىن ئۈزگىنى ياخشى. ئېقىن سۇ ئالدى بىلەن قاشنى بۇزىدۇ. بىلىم دېڭىزىنىڭ ساھىلى بولماس. دەريا بويى سالقىن بولىدۇ. كۆلنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ دەم ئالدۇق. گىرۋىكى يوق ئېرىقتا سۇ يېيىلىپ ئاقىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
سۇنىڭ لېۋى، ياقىسى؛ ساھىل.
دېڭىز قىرغىقى.
يېپىق نەرسىلەرنىڭ چېتى، قىرى، گىرۋىكى.
رومالنىڭ قىرغىقى.
يول ۋە شۇ قاتارلىقلارنى بويلاپ كەتكەن يەر؛ ياقا.
يولنىڭ ئىككى قىرغىقى.