Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىران
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
يېقىنلىشىشى، بىرلىشىش؛ ئىككى سەييارە يۇلتۇزرنىڭ بىر بۇرجىدا توقۇنۇشى:
كۆزلەرىڭ ئەژدەردۇر باقما ھەر سارى،
بارچەنى ئەيلەر قىرانبىر باقشىڭ.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
يېقىنلاشماق، بىرلەشمەك.
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
قىران - ئەسلى مەنىسى جۈپلىشىش، قوشۇلۇش دېگەن سۆز (ئىمىن تۇرسۇن: <نۇرۇزنامە>، شىنجاڭ ياشىلار - ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 43 - بەت) ھازىرقى ئىستېمالدا قىران چۈشەنچىسى ئىككى خىل، بىر خىلى بويىچە قىران 25 يىلغا تەڭ. يەنى بىر ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ. ئادەتتە كىشىلەرنى <قىرانىغا يەتتى> دېگەنلىك 25 ياشقا تولدى، جۈپلىشىش - نىكاھلىنىش مۇددىتىگە يەتتى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. يەنە بىر خىل چۈشەنچە بويىچە قىران - تەخمىنەن 30 يىلغا تەڭ بولۇپ، بىر ئەسىرنىڭ ئۈچتىن بىرى نەزەردە تۇتۇلىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئۆسۈپ يېتىلگەن؛ كۈچ - قۇۋۋەتتە ۋايىغا، كامالەتكە يەتكەن.
قىران يىگىت.
باتۇر، جەسۇر.
قىران قۇشى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ۋايىغا يەتكەن، پىشقان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
قىرانلىق، يىگىتلىك