ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . مەھەللىنىڭ سىرتىدىكى كەڭ كەتكەن تۈزلەڭلىك، تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق، دالا.
قىرغا بۇغداي تېرىغىلى بارىمىز. * پادىنى قىرغا ئاپىرىپ باق. * قىمىرلىغان قىر ئاشار (ماقال) . * يالغۇز قىر ئاشقۇچە، كۆپ داۋان ئاشار (ماقال) . * قىزىڭنى ئالغۇچە قىرىڭدىن ئۆتەي، ئالغاندىن كېيىن جېنىڭدىن ئۆتەي (ماقال) . * ئوغلۇم يەپ ئوۋغا كەتتى، قىزىم يەپ قىرغا كەتتى (ماقال).
2 . ئېتىز - ئېرىق، چۆنەكلەرنىڭ سۇنىڭ تەكشى يېيىلىشى ئۈچۈن، توپا دۆۋىلەپ، سەل ئېگىز چىقىرىپ قويۇلغان يېرى . قىردا بار، قىرلاشتايوق (ماقال) . * ماڭىدۇ، ماڭىدۇ، قىردىن ئاشالمايدۇ. ئۇ نېمە؟ (تېپىشماق. _ تۈگمەن) . * مېڭىشىنى بىلمىگەن ئۇي قىر بۇزار (ماقال) . * بۇزۇلمايدىغان قىر يوق، ئېچىلمايدىغان سىر يوق (ماقال) .
3 . نەرسىنىڭ چەت تەرىپى. جوزىنىڭ قىرى. * ئۇ ماڭا كۆزىنىڭ قىرىدا قاراپ قويدى.
4 . شىمنىڭ ئالدى تەرىپىدىن تىك چىقىرىلغان يەر. شىمنىڭ قىرىنى چىقارماق.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
قىرماق، قىرىش. 1 . نەرسىنىڭ يۈزىنى ئۆتكۈر نەرسە بىلەن قايتا - قايتا يونىماق، چۈشۈرمەك.
ساقال قىرىماق. * تېرىنىڭ يۇڭىنى قىرماق. * ئويساڭ ئون كۈن يېتەر، قىرساڭ 40 كۈن كېتەر (ماقال)
2 . قورال بىلەن كۆپلەپ، ئېتىپ ئۆلتۈمەك، قىرغىن قىلماق. ياپونلار جۇڭگولۇقنى قىرغان.
ئۇرۇشنى ئاۋۋال باشلىغان دۈشمەن،
گۇناھكار ئۆزى، قىر ئۇنى جەزمەن.
* * *
دېمە مىڭنى جەڭدە قىرىپ تاشلايمەن،
قېنى، بىرگە جان بەرچۇ، مەرد دەيمەن.
* * *
چۆمۈلىنى چوقۇپ قىرار قىرغاۋۇل،
قارچىغىدىن ئۆز ھالى مۈشكۈل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەريا، دېڭىز، كۆللەرنىڭ ئەتراپى.
كىچىك قولۋاقنىڭ قىرغاققا يېقىن ئۈزگىنى ياخشى. ئېقىن سۇ ئالدى بىلەن قاشنى بۇزىدۇ. بىلىم دېڭىزىنىڭ ساھىلى بولماس. دەريا بويى سالقىن بولىدۇ. كۆلنىڭ قىرىدا ئولتۇرۇپ دەم ئالدۇق. گىرۋىكى يوق ئېرىقتا سۇ يېيىلىپ ئاقىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەركەزدىن ئۇزاق يەر
چەتتە ئىشلە، ئۆيدە يە. يەككە بولۇپ كېتىمىز، يەر چېتىگە يېتىمىز. دەريا ياقىسىدا يۈر، تۇرما. ئالەمنىڭ كانارى يوق، بىلىمنىڭ چېكى. بىلىم زېمىنىنىڭ قىرى يوق. گىرۋىكى يوق ئېرىقتا سۇ يېيىلىپ ئاقىدۇ. ئاقسە چىن خوتەننىڭ چېتى، چېگرىسى دېمەكتۇر.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
سۇ يوق، ئىقلىم قۇرۇق، ئۆسۈملۈك ئاز، قۇم ۋە ياكى شېغىل بىلەن تولغان يەر.
بىرى چۆل، بىرى گۈل. چۆلگە يامغۇر ياخشى، يومدانغا چامغۇر. دەشت _ باياۋاندا ئۇسسۇز قالمىغان سۇنىڭ قەدىرىنى بىلمەس. جەزىرىدە جەرەن تۇت. گوبىدا گىياھ يوق. پايدىسى يوق بايدىن سۈيى يوق ساي ياخشى. دالىدا ئۆسكەن مەھەللىگە كۆنمەس. سەھرانىڭ بېگى بولغۇچە، شەھەرنىڭ ئىتى بول. قۇملۇقتىن ئۆتەلىگەن قۇمدىن قورقمايدۇ. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاشيول ياسالدى. يازىدا بۆرە ئۆلسە، ئەۋدە ئىت باغرى تارتىشتۇر.
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرىقىر ياغى _ قىر يېغا، ئەشەددى ياۋ.
1 - 425
دائىرە: تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى