Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوتۇر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەدەندە پەيدا بولىدىغان، قاتتىق قىچىشتۇرىدىغان يۇقۇملۇق كېسەل.
بەرمىگەن قوتاقنى يېمىگەن قوتۇر. قىچىشقاقتىن نېرى قاچ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئەت - يېغى ئاز، مۇسكۇلى تولمىغان.
<ئىنجەج> ئىلى شېۋىسىدە، <قوتۇر> تۇرپان شېۋىسىدە، <ئىنجا>، <قىرتۇ> قومۇل شېۋىسىدە، <ئاۋۇغاي> لوپنۇر دىئالېكتدا، <شىداق> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
<ئورۇق> ھايۋانغىمۇ ئىشلىتىلىدۇ، قالغانلىرى ئادەمگە قارىتىلغان. <ئىن
ئورۇقنىڭ كۆڭلى يورۇق. ئورۇق كالىنىڭ تېزىكى يوغان. جۈدەڭ بوي چىرايلىق بولمىسىمۇ چىڭ بولىدۇ. يىڭنە يېگەن ئاۋاق. ئۇ شۇنداق ئاۋاقكى، پىچاق بىلەن قىرساڭمۇ، بىر ئوچۇم گۆش چىقمايدۇ. ئىنجىمارۇققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. ياداڭ يايرايدۇ. ئىچى يامان ياداڭغۇ كېلىدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
«قودۇر» غا قاراڭ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى >تېب< ئادەم ۋە ھايۋانلاردا بولىدىغان تارقىلىشچان تېرە كېسىلى، قىچىشقاق، ئۇنى قوتۇر كانىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپىنچە قولنىڭ ئالىقان، بارماقلىرىدا، ساغرا، قورساق قاتارلىق ئورۇنلاردا پەيدا بولىدۇ.
سۈپ. شۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان.
قوتۇر ئېشەك، قوتۇر ئىت.
سۈپ. كۆچمە. تەكشى، سىلىق ئەمەس؛ يىرىك، ئوڭغۇل - دوڭغۇل.
قوتۇر ئامۇت، قوتۇر يۈز.
سۈپ. كۆچمە. يارىماس، ئەرزىمەس؛ يامان، ناچار.
قوتۇر نەرسە. قوتۇر بىر نېمە. ئىچى قوتۇر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
دىئال. ئورۇق.