Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوشۇق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
جۆۋەندە.
قوشۇق نان. * قوشۇق ئۇن. * قوشۇق نان قورساقتا تۇرىدۇ.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قوشاق، شېئىر:
دىبان نەىىش ئۇزار دەڭىز يار - يار،
قوشۇق ئەيتىبان ئەيتىڭىز يار - يار.
ئا. نىزارى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قوشقاق، شېئىر، قەسىدە. شېئىردا مۇنداق كەلگەن: دېبان نەقىش ئۇزرا دەڭىز يار - يار، قوشۇق ئەيتىبان ئەيتىڭىز يار - يار. (ئا. نىزارى).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئارىلاشما، ئارىلاشتۇرۇلغان.
ئەبجەش ياغ تەنگە پايدىلىق. قوشۇق نان تەمىلىك كېلىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېيىش - ئىچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان تۇرمۇش بۇيۇمى.
ياماندىن ئاشقان يېرىم قوشۇق. قورۇق قوشۇق ئېغىز يىر تار. بىر تال باش - بىر قالاق ئاش.
ئۇيغۇر چالغۇلىرى
بۇ ئۇيغۇر مۇزىكىسى ۋە مەشرەپلىرىدە كەڭ قوللىنىلىپ كېلىنىۋاتقان مۇھىم سوقما چالغۇلارنىڭ بىرى. ھازىرقى مۇزىكا ئوركېستىرلىرىدا ئىشلىتىۋاتقان قوشۇقلارنىڭ شەكلىمۇ تاقام قوشۇقلىرىغا ئوخشاش ياسىلىدۇ. ھەجىمى سول يوغانراق بولۇپ، ئۈستىگە خىلمۇ خىل نەقىشلەر چۈشۈرۈلۈپ نەپىس ئىشلىنىدۇ. ئۇ كۆپرەك ئۆرۈك، ئالما، چىلان ياغاچلىرىدىن ياسىلىدۇ.
قوشۇق چېلىشتا، ئوڭ قولدا بىر جۈپ قوشۇقنىڭ سېپى چىڭ تۇتۇلۇپ، قوشۇقلارنىڭ دۈمبىسى بىر - بىرىگە توغرىلىنىپ، سول قول ئالىقانغا ۋە بەدەننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا (مۈرە، تىز ۋە باشقا جايلارغا) ھەمدە يەرگە ۋە باشقا جىسىملارغا سوقۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئىككى قوشۇقنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولىدىغان خىلمۇ خىل رېتىملىق ئاۋازلار مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
قوشۇلغان، قوشۇپ قويۇلغان؛ بىرلەشتۈرۈلگەن؛ ئارىلاشتۇرۇلغان، سېلىنغان.
قوشۇق نان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئاش - تائاملارنى يېيىش، ئىچىش ئۈچۈن ياغاچ ياكى مېتالدىن ياسالغان چۆمۈچسىمان سايمان.