Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
بىئولوگىيە
يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردىكى ئىككى چوڭ تۈرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇرۇقىدىكى تۆرەلمىدە ئىككى دانە پەللە يوپۇرماق بولىدۇ. غول قىسمىدا قاناللار باغلىمى چەمبەر شەكلىدە تىزىلىدۇ، ھاسىل قىلغۇچى قەۋىتى بولىدۇ، غولى ئۈزلۈكسىز توملىشىپ بارىدۇ؛ يوپۇرماق تومۇرى تورسىمان بولىدۇ. گۈلىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى بەش سانلىق، بەزىدە تۆت سانلىق بولىدۇ. ئۆسۈملۈك تېنى ھەر خىل خۇسۇسىيەتلىك (ئىنچىكە سامان غوللۇقتىن توم ياغاچ غوللۇققىچە) بولىدۇ. بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنى كۆپ ساندىكى بوتانىكلار گۈلتاجى ئايرىلىپ ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەر بىلەن گۈلتاجى بىرلىشىپ ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەرگە بۆلىدۇ. ئۇ دائىم ئۇچرايدىغان كۆپ ساندىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تۈردىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ كۆپ ساندىكى تۈرلىرى دۆلەت پىلانى ۋە خەلق تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈملۈكلەر سىستېملوگىيىسىدىكى ئورنىدا، بەزى بوتانىكلار يېپىق ئۇرۇقلۇق، ئۆسۈملۈكلەرنى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان تۈركۈم دەپ قارايدۇ، بىراق بۇ قاراشنى كۆپ ساندىكى ئالىملار ئېتىراپ قىلمايدۇ، ئۇلار تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان تۈركۈم دەپ قارايدۇ.