Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قوش بۇرمىلىق
ئۇنىۋېرسال
双螺纹的
shuāng luó wén de
بىئولوگىيە
قوش بۇرمىلىق DNA
DNA双螺旅
DNAshuāngluólǚ
Watson ۋە Crick لار 1953 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان DNA مولېكۇلىسىنىڭ قوش بۇرمىلىق مودېلى بولۇپ، ۇ مودېلغا ئاساسەن، كرىستاللانغان B - تىپلىق DNA نىڭ ناترىيلىق تۇزى ئانتى پاراللېل يۆنىلىشلىك (بىر تېلىنىڭ يۆنىلىشى 3 ← 5 , يەنە بىر تېلىنىڭ 5 ← 3 ) پولى نۇكلېئوتىد زەنجىرىنىڭ ئوخشاش بىر مەركىزىي ئوقىنى ئايلىنىپ ھاسىل قىلغان تۈزۈلۈشى ئوڭ قول تىپلىق قوش بۇرمىلىق بولىدۇ - دەپ قارىلىدۇ. فوسفات كىسلاتا رادىكالى بىلەن دې ئوكسى رىبوزا سىرتقى تەرىپىدە بولۇپ، فوسفودى ئېستېر بېغى ئارقىلىق تۇتىشىپ DNA نىڭ ئىسكىلىتىنى ھاسىل قىلىدۇ. قەنت ھالقا تەكشىلىكى ئۇزۇنىغا ئوققا پاراللېل، ئىشقار رادىكالى تەكشىلىكى ئۇزۇنىغا ئوققا تىك بولىدۇ، ئىشقار رادىكاللىرى بۇرما ئوقىنىڭ ئچىكى تەرىپىگە دۆۋىلەنگەن بولۇپ، ھەر بىر نۇكلېئوتىد ئارىسىدىكى ئارىلىق 3.4°A كېلىدۇ. مەركىزىي ئوقنى بويلاپ بۇرالغان ھەر بىر ئايلانمىدا ئون نۇكلېئوتىد بولۇپ، يۇقىرىلىغان ئارىلىقى 34°A ، بۇرمىنىڭ دىئامېترى 20°A كېلىدۇ. ئىككى تال زەنجىر ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ ئۆز ئارا تولۇقلىنىشىدا ھاسىل بولغان ھىدروگېنلىق باغ (A بىلەن T دا ئىككى ھىدروگېنلىق باغ، G بىلەن C دا ئۈچ ھىدروگېنلىق باغ ھاسىل بولىدۇ) ۋە ئاروماتىك ئىشقار رادىكاللىرىنىڭ л ئېلېكترونلىرى ئارىلىقىدا توپلانغان كۈچ قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنىڭ قوش بۇرمىلىق تۈزۈلۈشنى ساقلاپ تۇرىدۇ. ئىككى تال زەنجىر ئارىلىقىدا چوڭقۇرراق بىر تال، تېيىزرەك بىر تالدىن ئىبارەت ئويمانلىق ھاسىل بولىدۇ. يۇقىرىقى مودېل B - DNA دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ مودېل تا ھازىرغىچە، بولۇپمۇ ئۇ DNA نىڭ نۇسخىلىنىشى، كۆچۈرۈلۈشى، ئەكسىچە كۆچۈرۈلۈشنىڭ مولېكۇلا ئاساسى بولمىغانلىقتىن، ئىنتايىن مۇھىم بىئولوگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.