Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوشاق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بېيىت، نەزمە.
قوشاق ئېيتىماق. * قوشاققا قاتماق. * قۇشنىڭ ئېيتقان «قوشىقى» ئۆزىگە زامىن بولار (ماقال) . * خەلق قوشىقى قېرىماس (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ماللارنى بىر - بىرىگە چېتىپ باغلايدىغان ئارغامچا.
قوزىلارنى قوشاققا قوشلاپ قوي.
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
لىرىك شېئىرلارنىڭ ئەڭ قەدىمكى شەكىللىرىدىن بىرى، ئاھاڭغا سېلىپ ئېيتىشقا مۆلچەرلەنگەن بىر نەچچە بەند (كۇپلېت) لىك شېئىر. قەدىمكى زامانلاردا قوشاقنىڭ سۆزلىرى (تېكىستى) ئۇنىڭ كۈيى بىلەن بىرگە ۋۇجۇدقا كېلەتتى، مۇزىكا ۋە ھەرىكەت بىلەن ھەمراھ ئىدى.
قوشاق ئەمگەك قوشاقلىرى، مەۋسۇم قوشاقلىرى، مۇراسىم قوشاقلىرى، توي، ئەللەي ۋە مۇھەببەت قوشاقلىرى، قەھرىمانلىق قوشاقلىرى قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ.
قىسقىسى، قوشاقلاردىن خىلمۇخىل شېئىرلار، لىرىك شېئىرلاردىن ئەدەبىي نەسىرلەر؛ داستانلاردىن رومان - ھېكايىلە؛ ئېيتىشىشلاردىن دراما ئەسەرلىرى مەيدانغا كەلگەن. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى « تۈركىي تىللار دىۋانى» نامىلىق مەشھۇر ئەسىردە قەدىمكى زاماننىڭ ۋە كېيىنكى دەۋرلەرنىڭ قوشاقلىرىنى خاتىرىلەپ دەۋرىمىزگە يەتكۈزدى. بۇ قوشاقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي مەدەنىي مىراسلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بەلگە كىيىمنىڭ ئۈستىدىن باغلايدىغان، رەختتىن، چىگىدىن ياسالغان بۇيۇم.
«بەلباغ» ، «پوتا» رەختتىن قىلىندۇ، ئۇزۇن بولىدۇ.
«چاكانياغلىق» ، «قىيىقچا» تۆت چاسا بولىدۇ، گۈل - كەشتە بېسىلىدۇ.
«قۇر» ، «قوشاق» چىگىدىن قىلىنىدۇ.
يولدا تېپىۋالغان بەلباغ يولدا چۈشۈپ قالىدۇ. يېتىمنىڭ ئاتىسى يوق، بېلىدە پوتىسى يوق. ئاقسۇنىڭ يولى باغلىق، بېلىمدە چاكانياغلىق، مەن كۆيسەم ساڭا كۆيدۈم، سېنىڭ كۆيگىنىڭ چاغلىق. قىيىقچىنى قىڭغىر باغلاپ، قىز كۆرگىلى بارغان زاڭنى كۆر. قۇرباغلىغىن بېلىڭگە، خىزمەت قىلغىن ئېلىڭگە. قوشاق باغلىغاننىڭ قوشاقچى بولۇشى ناتايىن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەلۇم ۋەزىنلىك، قاپىيىلىك تىل بىلەن يېزىلىدۇ ياكى توقۇلىدۇ.
«شېئىر» ئەدەبىيات ژانىرلىرىدىن بىرى.
«بېيىت»، «قوشاق» فولكلورغا ياتىدۇ.
شېئىر _ بارلىق بىلىملەرنىڭ جەۋھىرى. شېئىر پەردىنى قايرىۋېتىپ، دۇنيادىكى يوشۇرۇن گۈزەللىكلەرنى نامايەن قىلىدۇ. نەزمە كىشىنىڭ ئوي - پىكىرىنى ئاچىدۇ. بېيىت ئېيتىپ چاي تۇت، قول قوشتۇرۇپ ناماقۇل بول. خەلق قوشىقى كونىرىمايدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. بىر - بىرىگە چېتىلغان، قوشۇلغان.
بىر قوشاق ئۇلاغ.
ئى. بىر ئارغامچا بىلەن ئۆز ئارا چېتىلىپ باغلانغان ئۇلاغلار.
ئۇلار قوشاقنى ئىككى قىلىپ قاسىمنىڭ خامىنىنى بۈگۈنلا تېپىپ، سورۇپ ئېلىۋېلىشنى ئويلىشىۋاتاتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەدەبىيات
كۆپىنچە يەتتە بوغۇملۇق، تۆت مىسرالىق بولىدىغان، رىتم ۋە ئاھاڭدارلىقى كۈچلۈك، سۆزلىرى ئاددىي ئەمما جانلىق، ئوبرازلىق، ناخشا قىلىپ ئوقۇشقا ئەپلىك بىر خىل شېئىرىي ئەسەر.
خەلق قوشاقلىرى. سادىر پالۋان قوشاقلىرى.