Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قورساق پۇتلۇقلار سىنىپى
بىئولوگىيە
腹足纲
fùzúgāng
مولليۇسكلار تىپىدىكى بىر سىنىپ. باش قىسمى ئېنىق، قورساق پۇتى ئالاھىدە كەڭ ھەم توم بولغاچقا شۇنداق نام بېرىلگەن. ئىچكى ئەزا كاللىكى سپرالسىمان يۆگەلگەن بولغاچقا بەدىنى ئوڭ - سول سىممېترىك بولمايدۇ، ژابرا، بۆرەك، يۈرەك قۇلاقچىسى قاتارلىق ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەممىسى يالغۇز بولىدۇ قۇرۇقلۇققا ماكانلاشقان تۈرلىرىنىڭ ژابراسى يوقالغان بولۇپ، سىرتقى غىلاپ پەردىسىدىن شەكىللەنگەن <ئۆپكە> سى ئارقىلىق ھاۋادىن نەپەس ئالىدۇ. بەزى تۈرلىرىنىڭ بەدەن سىرتىدا ماس ھالدا ئوڭ - سول سىممېترىيىسىز ھەم سپرال بولغان بىر قاپچۇقى بولىدۇ، مەسىلەن، ئېتىز قۇلۇلىسى، مىخ قۇلۇلە، تاجىسىمان قۇلۇلە، مۇرېكس (ئۇستىخان قۇلۇلە)، پۇرچاقسىمان قۇلۇلە، قىزىل قۇلۇلە (راپانا) قاتارلىقلار؛ بەزى تۈرلىرىنىڭ قاپچۇقىنىڭ سىپراللىقى روشەن بولمايدۇ. مەسىلەن سەدەپ قۇلۇلىسى، قالپاقسىمان قۇلۇلە، چىرايلىق تەڭگىچە قۇلۇلە قاتارلىقلار؛ بەزى تۈرلىرى قاپچۇقسىز، مەسىلەن، دېڭىز توشقان قۇلۇلىسى، دورىس، لىماكس قاتارلىقلار. قورساق پۇتلۇقلار سىنىپىدىكى ھايۋانلارنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، سان جەھەتتە ھاشاراتلار سىنىپىدىن كېيىنلا تۇرىدۇ. تارقىلىشى ناھايىتى كەڭ. دېڭىزدىن چىقىدىغان تۈرلىرى دېڭىز سۈيىنىڭ كۆتۈرۈلۈش سىزىقىدىن تارتىپ تاكى 5000 مېتىر چوڭقۇر جايلىرىغىچە تارقالغان؛ تاتلىق سۇلاردا ياشايدىغانلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ بولۇپ دەريا، كۆل ۋە تاغ سۇلىرىنىڭ ھەممىسىدىن تېپىلىدۇ؛ قۇرۇقلۇققا ماكانلاشقانلىرىدىن تروپىك بەلباغ رايونىدىكى تۈرلىرى كۆپرەك. زور كۆپچىلىكى ئەركىن ھايات كەچۈرىدۇ. پەقەت ئاز ساندىكىلىرىلا پارازىتلىنىدۇ. بۇ خىل ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋىتى خېلى زىچ بولۇپ نۇرغۇنلىغان تۈرلىرىنىڭ يۇمشاق تېنىنى ئىستېمال قىلىشقا يكى بېلىق يېمى قىلىشقا، قاپچۇقلىرىنى ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇمى قىلىشقا بولىدۇ ۋە باشقىلار. بەزىلىرى ئىنسانلارغا زىيانلىق، مەسىلەن، ئۆسۈملۈكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان ئۈزۈم قۇلۇلىسى ۋە لىماكسلار دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ زىياندىشى؛ مىخ قۇلۇلە، قاپاقچە قۇلۇلە، پۇرچاقسىمان قۇلۇلە قاتارلىقلار بولسا، پۇرچاقسىمان قۇلۇلە قاتارلىقلار بولسا، ئىنسانلارنىڭ پارازىت قۇرتلىرىنىڭ ئارىلىق خوجايىنى ھېسابلىنىدۇ.
گىئولوگىيە,ئۇنىۋېرسال
腹足纲
fù zú gāng