Uyghurئاساسىي لۇغەت
قورقۇنچاق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەممە نېمىدىن قورقىدىغان.
باتۇر، قەھرىمان، ئەر، قورقماس
خەۋپ - خەتەر، قىيىنچىلىق - ئېغىرچىلىقتىن قورقمايدىغان، ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان.
باتۇر چۈشىدە دۈشمەن كۆرەر. باتۇرنى مەيداندا سىنا، سۆزمەننى دەۋادا. يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر. ئۆز بۇرچىنى ئورۇنلاۋاتقاندا جېنىنى ئايىمىغان ھەقىقىي قەھرىمان. سۇ كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر ئەمەس، قان كېچىكىدىن ئۆتكەن ئەر. قورقماستىن تاغ قېچىپ قۇتۇلالماس. ئەندىشىنىڭ ئېتى قورققاق. قورقۇنچاقتا نومۇس يوق. كۆز قورققاق، قول باتۇر. توخۇ يۈرەك قورقۇپ ئۆلىدۇ. قورققاقنىڭ تۇمىقى بولغۇچە، قورقماسنىڭ چومىقى بول. قىيىنچىلىق قورقۇنچاقنىڭ يۈكى، باتۇر ئۈچۈن توخۇنىڭ تۈكى.