Uyghurئاساسىي لۇغەت
قورغان
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مۇھىم جايلارغا سېلىپ مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدىغان جاي، قۇرۇلۇش.
«قورغان»، «قەلئە» لەر شەھەر شەكىلىدە، «سەد»، « سېپىل» لار ئېگىز قۇرۇق تام شەكلىدە، «پوتەي»، «تۇرار» لار توپ ئېيتىشقا لايىق ياسالغان بولىدۇ.
قورغان ئىچىدىن غۇلار. كونا قەلئەدە جىن بار. ھەقىقەت ئاتمىش ئىستىھكامنى بۇزار. سەددىچىن سېپىلى - ئۈچ مۆجىزىنىڭ بىرى. ئەقىل ھەمراھى ھەم جان يارى ئىلىم، ئىككى ئالەمدە جان ھىسارى ئىلىم. گومىنداڭ ماڭدامدا بىر پوتەي سالغانىدى. قۇمۇلدا قەدىمىي تۇرارلار كۆپ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
دۈشمەن ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستىھكام، سېپىللار بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جاي، شەھەر، قەلئە ۋە شۇ قاتارلىقلار.
قۇرغاننى قامال قىلماق. قورغانغا ھۇجۇم قىلماق.
قەلئە. شەھەر ۋە شۇ قاتارلىقلارنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان مۇستەھكەم دىۋار، تام، سېپىل.
قورغان چوڭقۇر يارلىق ئېرىققا تاقىلىپ تۈگەيتتى.
دالا، تاغلىق جايدا شۇنىڭدەك شەھەردىن يىراقراق جايلاردا ئەتراپىنى تاملار بىلەن قورشاش ئارقىلىق ياسىلىدىغان ئورۇن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىنالار.
قورغاننىڭ تاملىرى ئۈستىدە كىشىلەر كۆپ ئىكەن.
كۆچمە. مۇستەھكەم تايانچ.
جەڭگىۋار قورغان.
قەشقەر شەھىرى ئەتراپىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەلئە، قورغان.