Uyghurئاساسىي لۇغەت
قورداي
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قوداي ~ قودا.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قورداي قۇغۇ ئاندا ئۇچۇپ يۇمغىن ئۆتەر
قۇزغۇن ياڭان سايراپ ئانىن ئۈنى پۈتەر
«قوداي، ئاققۇ ئۇندا ئۇچۇپ توپلىشىپ ئۆتەر،
قۇزغۇن، تاغ قاغىلىرى سايرىشىپ ئۈنلىرى پۈتەر.»
بىر ئورۇننىڭ گۈزەللىكى تەسۋىرلىنىپ شۇنداق دېيىلىدۇ: قوداي ۋە ئاققۇلار توپلىشىپ سۇ ئەتراپىدا ئۇچۇشىدۇ ۋە ھەر خىل ئاۋازلار بىلەن سايرىشىدۇ، قۇزغۇن، تاغ قاغىلىرى تولا قاقىلداپ ئۈنلىرى پۈتۈپ كېتىدۇ.
3 - 331
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
بىر خىل قۇشنىڭ نامى