Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوناق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاق قوناق ۋە كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئورتاق نامى.
كۆممىقوناق. * ئاق قوناق. * قوناق ئۇنى. *بۇغداي قۇيۇقلۇقتىن، قوناق شالاڭلىقتىن (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
1 . مېھمان، ئۇما.
قوناق بولماق. *قوناق قىلماق. * قوناق كەلدى _ قۇت كەلدى (ماقال) .
2 . ئوتتۇرىغا تاشلىماق. شەرت قويماق، پىكىر قويماق، تەلەپ قويماق.
3 . ئەسلى، ھالەتتە قالدۇرماق. قوينى سوي، ئۆچكىنى قوي. * ئوغرى بولساڭ، ئىنساب بىلەن بول، تاۋىقىنى ئالساڭ، قوشۇقىنى قوي (ماقال) . * ساقالنى ئالدۇرۇپ، چاچ قويۇش _ بىر يېڭىلىق. * مېھماننىڭ ئالدىغا ئاش قوي، ئىككى قولىنى بوش قوي (ماقال) .
4 . تاشلىماق. تاماكىنى قويدۇق، ھاراقنىمۇ قويماقچىمەن.
5 . ئورۇنلاشتۇرماق. ئۆيگە دېرىزە قويماق. * قاشقا ئوسما قويماق.
6 . ئاتىماق. بالىغا ئات قويماق.
7 . بىرەر ئىش - ھەرىكەتنىڭ قىلماسلىققا دالالەت. ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي (ماقال) * بۇنى قوي، كېيىن بىر گەپ بولار.
9 . يول بەرمەك. كىچىككىنە تۇرۇپ، ساڭا تاماكا چېكىشكە كىم قويدى؟
10 . بەس، بولدى. قوي، ئەمدى بۇ گەپنى قىلىشمايلى. * بۇ بالا بىلەن ئېيتىشما.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تەكلىپ قىلىنغان، ئۆزى يوقلاپ كەلگەن، سەپەر ئۈستىدە چۈشۈپ ئۆتكەن كىشى.
مېھمان ئاتاڭدىن ئۇلۇغ. مېھمان ئاز ئولتۇرار، كۆپ سىنار. چاقىرىلمىغان مېھمان قېرى قىزىنمۇ يامان. ئۆزى كەلگەن قوناق - خۇدايى قوناق. قوناق قۇت كەلتۈرەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
بىراۋنىڭ ئۆيىگە چاي، زىياپەت، تويغا كەلگەن كىشى.
ساھىبخان، ئۆي ئىگىسى
كەلگەن مېھماننى كۈتۈۋالغۇچى.
مېھمان ئاتاڭدىن ئۇلۇغ. قوناق كەلدى - قۇت كەلدى. مېھمان مەست بولسا كەيىپ، ساھىبخان مەست بولسا ئەيىب. ئۆي ئىگىسى كۆڭۈلسىز بولسا، مېھمان ئۆيگە سىغماس. چاقىرىلمىغان مېھمان ئوغرىدىنمۇ يامان. ئۆزى كەلگەن مېھمان - خۇدايى مېھمان، قىچقارغان مېھمان - بالايى مېھمان. تاماق ئۆي ئېگىسى بىلەن تاتلىق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
چۈژگۈن قوناق.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: قوناق باشى سەزرەكى يېگ _ قوناق بېشىنىڭ سىيرەك بولغىنى ياخشى. چۈنكى سىيرەك بولسا، دېنى چوڭ - چوڭ بولىدۇ، قېلىن بولسا، دېنى ئۇششاق بولىدۇ. بۇ ماقال كۈتكەن مەقسىدىگە ئاز زەخمەت چېكىش بىلەن يەتمەكچى بولغانلارغا قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 499
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
قوناق ئېلىمىزدە5000 يىلدىن ئارتۇق تېرىپ ئۆستۈرۈلۈش تارىخىغا ئىگە. بولۇپمۇ شەرقىي شىمال قونىقى خېلى بۇرۇنلا دۇنياغا تونۇلغان بولۇپ، ئاسىيا »قىزىل گۈرۈچى« دېگەن نامى بار.
قوناق باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ ئېگىزلىكى3 −4 مېتىرغا يېتىدۇ. تاسمىسىمان يوپۇرمىقى40 ~60 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، يوپۇرماق يۈزى سىلىق ھەم پاراشوكسىمان موم قەۋىتى بولىدۇ. گۈل رېتى كونۇسسىمان بولۇپ، مېۋە باشىقى سۈپۈرگە شەكىللىك ياكى بولقا شەكىللىكتىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. قىلتىرىقلىق مېۋىسى سېرىق، قىزغۇچ سېرىق، قوڭۇر، ئاق رەڭلەردە بولىدۇ.
قوناق ئادەتتە ئىسسىق مۇھىتنى ياخشى كۆرىدىغان، قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرالايدىغان، شورغا چىداملىق، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولۇپ، ھەرقايسى جايلاردا كەڭ كۆلەمدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. تېرىپ ئۆستۈرۈش كۆلىمى جەھەتتە ھىندىستاندا ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئېلىمىز ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.
قوناق ئادەتتە خۇسۇسىيىتى ۋە ئىشلىتىلىش ئورنىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ. غولى ئېگىز ھەم ئىنچىكە، تەركىبىدە تاتلىق شىرنىسى كۆپ بولىدىغىنى شېكەر قوناق (لۇجى) دېيىلىپ، شېكەر چىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ؛ غولى نىسبەتەن قىسقىراق، تەركىبىدە شېكەر شىرنىسى يوق بولىدىغىنى قوناق (گاۋلياڭ) دېيىلىدۇ؛ يەنە بىرى بولسا باشاقلىرى شالاڭ سۈپۈرگە قوناقتىن ئىبارەت.
ئوزۇقلۇقشۇناسلارنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، قوناقنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىكەن، يەنى ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل%82، شېكەر%8.7، ماي %2.2 بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ۋىتامىن1 B ۋە2 B قاتارلىقلارمۇ بولىدىكەن.
قوناقنىڭ يېڭى يوپۇرمىقى ياكى مايسىسى تەركىبىدە ھىدروكسى سىئانوزىدلار بولۇپ، ھايۋانلار ئۇنى يېگەندىن كېيىن ئاشقازاندا ئۆتكۈر زەھەرلىك ھىدروسئانىد كىسلاتاسى ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا، قوناقنىڭ يېڭى يوپۇرماق ياكى مايسىلىرى بىلەن ھايۋانلارنى بېقىشقا بولمايدۇ.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئاشلىق - زىرائەت، قوناق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قونۇچى، مېھمان
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بوتانىكا
ئاق قوناق ۋە كۆممىقوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنىڭ ئورتاق نامى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر جايغا، بىر كىمنىڭ ئۆيىگە قونۇش ئۈچۈن كەلگەن ياكى چۈشكەن مېھمان؛ يولۇچى.
ئەمدى ئۇ ئەزىمەتلەرنى قوناققا چاقىرساق بولارمۇ؟
تۈنەيدىغان ئورۇن، قونىدىغان، قونۇپ ئۆتىدىغان جاي، قونالغۇ.
قوناق تۇتۇپ ياتماق.