Uyghurئاساسىي لۇغەت
قولىنى كۆسەي چېچىنى سۈپۈرگە قىلماق
شىۋىلەر
بىر ئىشنى جاپادىن قورقماي، جانپىدالىق بىلەن ئىشلەشنى سۈپەتلەشتە قوللىنىلىدىغان بىرىكمە.
دائىرە: ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەركۆيۈپ - پىشىپ، جاپالىق ئىشلىمەك، پۈتۈن كۈچ - قۇدرىتى بىلەن تىرىشىپ - تىرمىشىپ ئىشلىمەك: ئۇ ئۆز ۋاقتىدا شۇنداق چىرايلىق تۇمۇچۇق ئىدى، ئۇنىڭ قۇچىقىدا يىگىرمە يېشىدا تېپىرلىغان. مانا ھازىر ئوتتۇز يىل قولىنى كۆسەي، چېچىنى سۈپۈرگە قىلىپ ئۆتتى.
بۇ خەت ھەققىدە
بۇ ئۇيغۇرچە–ئۇيغۇرچە لۇغەت خېتى.
بۇ تەرجىمە Lughet توپلىمىدىكى ئاساسىي لۇغەت دىن ئېلىندى.