Uyghurئاساسىي لۇغەت
قول بەرمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا ئىخلاس قىلماق، پىر دەپ تونۇماق، مۇرىت بولماق، مۇخلىس بولماق.
نادان كىشىلەر ئەۋلىيا دېيىلىگەنلەرگە قول بېرىدۇ، بەيئەت قىلىدۇ، ئالدانغىنىنى بىلمەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
ۋەدە بەرمەك، لەۋزى قىلماق، سۆز بەرمەك: بۇ يىل بىز كەنتكە كېۋەز ئۆستۈرۈش بويىچە كەسپىي ئائىلە بولماققا قول بەردۇق؛ ئىخلاس بىلدۈرمەك، مۇرىت بولماق: ئۇ تۆمۈر خەلىپىگە قەسەم قىلىپ قول بەردى.