Uyghurئاساسىي لۇغەت
قويۇقلاشماق
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
قويۇق، زىچ ھالەتكە كەلمەك؛ قويۇلماق.
ئالما شاخلىرى يىلسېرى قويۇقلىشىپ، باغ ئىچىنى سايە باسماقتا ئىدى.
توققا مايىللاشماق، توق ياكى توقراق تۈس ئالماق؛ قارايماق.
قاراڭغۇ تىخىمۇ قويۇقلاشتى.
كۆچمە. جانلىق تۈس ئالماق، جانلانماق؛ كۈچەيمەك.
ۋەھىمە يەنە قويۇقلىشىشقا باشلىدى.
كۆچمە. كۆپەيمەك.
يېقىندىن بېرى ئۇلارنىڭ ھەرىكەتلىرى قويۇقلاشتى.