Uyghurئاساسىي لۇغەت
قوچقار قوزىلىغاندا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
مەتەل: بولۇشى، كېلىشى مۇمكىن بولمىغان ئىش _ ھەرىكەت، ۋاقت.
_ ئىسكەندەر؛ بۇ ئۆستەڭ تۆگىنىڭ قۇيرۇقى يەرگە تەگكەندە پۈتەرمۇ، _ دېدى. راستلا، مەن بۇ توپلەي قۇم چېچەكلىگەندە پۈتەرمىكىن دەپ يۈرەتتىم. بولىدۇ، سەن قوچقار قوزىلىغاندا كەل، شۇ چاغدا مەسىلەڭنى ھەل قىلىپ قوياي. سېنىڭ ئىشىڭ، خۇدا بۇيرۇسا، تۆگە ياڭاقلىغاندا ھەل بولىدۇ. ئالدىرىما، بۇ ئىش ئاسماندىن قىزىل قار ياغقاندا بىر تەرەپ بولىدۇ.