Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىن
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
غىلاپ.
قيىن، مۇشەققەت، ئازاب.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
بىرەر نەرسىنىڭ قىنى؛ قىيىن؛ يارا.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىچاق، قېلىچ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى سىرتقى زەخمەتتىن ساقلاش ئۈچۈن، شۇنىڭ شەكلىگە باب ياسالغان قاپچۇق.
غىلاپ بەندىسى. خىش قېلىپىدا ياخشى، پىچاق غىلىپىدا. قىلىچ قىنىدا ياتسا گاللىشار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىن.
پىچاق ۋە قىلىچقا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ قىنى. قىلىچ قىنى _ قىلىچ قىنى.
1 - 442
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىن.
قىلىچ ۋە پىچاقنىڭ قىنى.
3 - 191
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىلىچ، خەنجەر، پىچاق قاتارلىقلارنى سېلىپ قويىدىغان غىلاپ.
قىلىچ قىنىدا ياتسا دات باسمايدۇ (ماقال).
دەريا ئېقىمىنىڭ ئىككى قىرغىقى ئارىسىدىكى سۇ ئاقىدىغان قىسمى.
دەريانىڭ ئاقىدىغان قىنى بولغىنىدەك، دۇنيانىڭمۇ ئىلگىرىلەش يولى بولىدۇ.
سىرتىدىن ئوراپ تۇرغان پەردە، قاپ.
يۈرىكىم قىنىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قاپتۇ.
كۆچمە. ئىچ، قويۇن، باغىر.
ھۆكۈمەتنىڭ قىنىغا كىرىۋېلىپ، بىزگە ھەمنەپەس بولۇۋاتقان كادىر شۇ جالالىدىنلا ئەمەس، يەنە بىر - ئىككىسى بار.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
غىلاپ، قىن.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
جازا، ئازاب؛ جازاغا تارتىلماق
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
قىيىنچىلىق، مۈشكۈل