Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىممەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋنىڭ ئۇلۇغلۇقنى، پاكلىقنى چۈشىنىپ، ئۇنى ئالقىشلاش تۇيغۇسى.
ھۆرمەت چوڭ بايلىقتىنمۇ قىممەت. ئادەمنىڭ ھۆرمىتىمۇ، خورلۇقىمۇ ئۆزىدىن. ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم. ئەر قەدىرىنى ئەر بىلەر، زەر قەدىرىنى زەرگەر. ئادەمنىڭ بۆكىنىڭ قىممىتى بېشىنىڭ قىممىتىگە تەڭ كەلمەس. ئىنساننىڭ قەدىر - قىممىتى خالىس ئىش قىلىش بىلەن ئۆلچىنەر. ئېتىبارىڭ بولمىسا، زىبالىقىڭدىن نېمە پايدا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى <س ئىق> تاۋاردا ئەكس ئەتكەن ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك، قىممەت مىقدارىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تاۋارنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان ئىجتىمائىي زۆرۈر ئەمگەك ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. ئىنسان ئەمگىكىدىن ئۆتمىگەن ھاۋا قاتارلىق نەرسىلەر كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىستېمال قىممىتىگە ئىگە بولۇش ياكى قىممەتكە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن.
قوشۇمچە قىممەت. تاۋارنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى. ئىستېمال قىممىتى.
ئى تەييارئىش، ئوبيېكت، مەھسۇلات ۋە شۇ قاتارلىقلارغا سەرپ بولغان مەبلەغ، ئەمگەك ۋە ماتېرىياللارنىڭ پۇل بىلەن ئىپادلىنشى؛ سودا - سېتىقتىكى نەرخى؛ باھا.
ئەقلىي ئەمگەكنىڭ قىممىتى تۆۋەنلىمەك.
ئى. كۆچمە. كىشى ياكى نەرسىنىڭ تۇرمۇشتا تۇتقان ئورنى، ئەھمىيىتى، قەدرى؛ رولى.
ئۇ كلىنىكا تېببىي ئىلمىدە زور قىممەتكە ئىگە.
ئى <مات> سان بىلەن ئىپادىلەنگەن مىقدار ياكى ماتېماتىكىلىق ئىپادىنى ھېسابلاش ئارقىلىق ئېرىشكەن ھەر بىر نەتىجە، مەسىلەن، a نىڭ ئالغان قىممىتى 10، b نىڭ ئالغان قىممىتى 8 بولغاندا، ئاگېبىرالىق ئىپادە ab/2 نىڭ قىممىتى 10×8/2=40 بولىدۇ.
سۈپ. باھاسى، نەرخى ئەسلىدىكىدىن يۇقىرى، ئەرزاننىڭ ئەكسى.
قىممەت باھا. قىممەت مال.
سۈ. كۆچمە. پۇل ياكى ھېچ نەرسىگە سېتىۋالغىلى بولمايدىغان، باھاسى يوق، بىباھا؛ قەدىرلىك، ئەزىز.
بىلىم دۆلەتتىن قىممەت (ماقال).
ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
يۈكسەك نۇقتا، چوققا، ئۈستۈن