Uyghur←Chineseئاساسىي لۇغەت
قىلئاياغلىقلار سىنىپى
بىئولوگىيە
鞭毛纲
biānmáogāng
ئاددىي ھايۋانلار تىپىنىڭ بىر سىنىپى، قىلئايىغى ئارقىلىق ھەرىكەت قىلىدۇ. ئادەتتە 1 - 4 كىچە، ئاز ساندىكى تۈرلىرىدە ئۇنىڭدىن كۆپرەك قىلئايىغى بولىدۇ، بەزى تۈرلىرىدە پىگمېنتلىق تەنىچىسى (خلوروبلاست) بولۇپ، فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق ئۆزى ئوزۇقلۇق ياسىيالايدۇ، بۇلار ئۆسۈملۈكسىمان ئوزۇقلىنىش شەكلىگە كىرىدۇ. بەزىلىرى ئەتراپىدىكى ئېرىگەن ھالەتتىكى ماددىلارنى بەدەن دىۋارى ئارقىلىق ئوسموتىك رول بىلەن سۈمۈرۈپ چىرىندىخورلۇق ئوزۇقلىنىش شەكلى بويىچە ئوزۇقلىنىدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا، قاتتىق ھالەتتىكى ئوزۇقلۇق دانىچىلىرىنى يۇتۇپ، ھايۋاناتچە ئوزۇقلىنىش شەكلى بويىچە ئوزۇقلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۆسۈملۈكسىمان ئوزۇقلىنىش شەكلى مۇشۇ سىنىپنىڭ خاس ئالاھىدىلىكى. تەبىئىي شارائىتتا ئىككىگە بۆلۈنۈش ئۇسۇلى بويىچە كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گامېتا ھاسىل قىلىپ جىنسلىق كۆپىيەلەيدىغانلىرىمۇ بار. قىلئاياغلر ئىچىدە تاتلىق سۇ ياكى دېڭىز سۈيىدە ئەركىن ياشايدىغانلىرى ]ئېۋگلېنا، نۇرلۇق قۇرت (نوكتىنلۇكا[ قاتارلىقلار ۋە پارازىتلىق ھايات كەچۈرىدىغانلىرىمۇ بولىدۇ. كۆپلىگەن پارازىتلىنىدىغان تۈرلىرى ئادەم ۋە ئۆي ھايۋانلىرىدا كېسەللىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ )مەسىلەن، كالا ئازار <قارا بەزگەك> كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان لېيىشمانىيە قۇرتى، ئادەم ۋە ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ تېنىدە پارازىتلىنىدىغان تىرىپانوزوم، بېلىق ژابراسىدا پارازىتلىنىدىغان ژابرا قامچىقۇرتى قاتارلىقلار(. قىلئاياغلىقلار سىنىپىنىڭ يەنە بەزى تۈرلىرى بىر نەچچە ياكى نۇرغۇنلىغان ئىندىۋىدلىرىنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشى ئارقىلىق كولونىيە ھاسىل قىلىپ ھايات كەچۈرىدۇ )گونئۇم، ۋولۋوكس قاتارلىقلار(.