Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىلىق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ئىش - ھەرىكەتكە مۇئامىلە قىلىشتا ئىپادىلىنىدىغان روھىي خىسلەت.
موھتاجلىق مىجەزنىمۇ بۇزىدۇ. قېرىغاندا قېرى تاتۇق، قىلىقى ئۇندىن ئارتۇق. ھەر كىمدە بولسا گەر ياخشى تەبىئەت، ئادەملىك يۈكسەك ئۇندا ناھايەت. دۈشمەنلىكتىن ئەمەس چايان چېقىشى، شۇنداق تەبئىتى، پېئىلى، خاھىشى، ياخشى خۇلق جان ئوزۇقى. كىم تۈزىمەك بولسا جاھان خەلقنى، ئاۋۋال تۈزەتسۇن ئۆز خۇلقىنى، خۇيى تۇتسا كۆزىگە ھېچنىمە كۆرۈنمەس. پەيلى ياماندىن قورق. خاراكتېرى ئوبدان بالا ھەممىگە ياقىدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قىلىق، مىجەز، خۇي.
ئادەملەر بىلەن مۇئامىلە تەزى. «ل _ L» ھەرپى ساكىنلىق قىلىنىپ « قىلق» مۇ دېيىلىدۇ.
1 - 498
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كىشىلەرنىڭ پائالىيەت، يۈرۈش - تۇرۇش، مۇئامىلە قاتارلىقلاردىكى ئۆزىگە خاس خۇلق - مىجەزى.
تۇرقى ئىنسان، قىلىقى ھايۋان (ماقال).
تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئادەت.
دەۋرىمىزدە بۇ ئاجايىپ كەشپىياتتۇر يېڭىلىق، بىزلەردە بولغان ئەمەس بۇندىن بۇرۇن بۇنداق قىلىق.
قاملاشمىغان، غەيرىي، ئۆزگىچە ئىش - ھەرىكەت.
ئېتىزنى تاشلاپ بازارغا يورغىلاش دېھقاننىڭ قىلىقى ئەمەس.