Uyghurئاساسىي لۇغەت
قېلىپ
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تىكىلىدىغان بۇيۇملارنىڭ ئىچىگە قويۇپ ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى، شەكلىنى بەلگىلەيدىغان ئەسۋاب.
ئۆتۈك قېلىپى.
قۇيما دېتال ۋە مەھسۇلاتلارغا شەكىل بېرىدىغان ئەسۋاب ياكى قۇرۇلما.
خىش قېلىپى. قازان قېلىپى.
كۆچمە. ئەندىزە، فورما، شەكىل.
بىر قېلىپتا سۆزلىمەك.
كۆچمە. بەلگىلەنگەن چەك، ئۆلچەم؛ مېڭىشقا تېگىشلىك يول.
قېلىپتىن چىقماق.