Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىلمىش
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ناباب ئىش - ھەرىكەت
قىلمىشىغا قاراپ جازاسى. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولۇپ، ئەمدى نېمە دەيسەن؟
مەنىداش سۆزلۈكلەر
قانۇن - ئىنتىزام، ئەردەم - ئەھكام، ئەدەب - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇنغا خىلاپ ئىش - ھەرىكەت. «تسۇي» خەنزۇچە: 罪
روزىدا گۇناھ يوق، ھەممە گۇناھ باراتتا. ئاڭلىغان قۇلاقتا گۇناھ يوق. ئۆزىنىڭ ئەيىبى ئۆزىگە كۆرۈنمەس. كورنىڭ ئەيىبى كۆزىگە كۆرۈنمەس. كىشى پاراسەتتە كەم بولسا قانچە، ئەيبىنى ئاقلاشقا ماھىردۇر شۇنچە. ئازمىغان جىنايەتتىن خالىي بولار. مەرد بولساڭ، ۋەتەننى قىلغىن ھىمايەت، قان بىلەن يۇيۇلسۇن گۇناھ - جىنايەت. ئالەمنى ياپالىغان جىنايتىنى ياپالار. قىلمىشىغا يارىشا جازا. قىلغۇلۇقنى قىلىپ بولدۇڭ، يەنە توۋا قىلمايسەن. ئوت تۈتۈنسىز بولماس، ئەر يازۇقسۇز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
قىلىنغان ئىش - ھەرىكەت، پائالىيەت.
ئەي پەلەك نە قىلمىشىڭ سەندىن سائادەت كۆرمىدىم، باشىمە سالدىڭ بالالار، بىرمۇ راھەت كۆرمىدىم.
يامان ئىش - ھەرىكەت، يامانلىق.
بۇنىڭغا نېمە ئامال؟! لېكىن ئۇلار بىر - كۈنى قىلمىشلىرى ئۈچۈن پۇشايمان قىلىدۇ.