Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
丘就却
دۇنيا تارىخى
كۇجۇلا
يەنى كۇجۇلا كادفىس Ⅰ. كۇشانىيەپادىشاھلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 15 - تەخمىنەن 65 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان). ئەسلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇلۇغ تۇخرىيلارنىڭ بەش يابغۇسىنىڭ بىرى بولغان كۇشان يابغۇسى (قەبىلە ئاقساقىلى). تەخمىنەن مىلادى Ⅰ ئەسىرنىڭ 20 - يىللىرى قالغان تۆت يابغۇلۇق (ۋاھان، سياماكا، پارۋان، كابۇل) نى يۇقىتىپ، كۇشان پادىشاھلىقىنى قۇرغان. سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، جەنۇبتا كابۇل ۋادىسىنى ئېلىپ قەندىھار، زابولىستان (كەشمىر)لەرنى يۇقاتقان. شۇنڭدەك شىمالدىكى خارەزىممۇ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. كۇجۇلانىڭ دەۋرىدە سودا - سېتىق راۋاجلانغان بولۇپ، كۆپلىگەن يەرلەردىن ئۇ قۇيدۇرغان پۇللار تېپىلغان. 80 نەچچە يېشىدا ئۆلگەن بولۇپ، ئورنىغا ئوغلى ۋىما كاتىپسا ئولتۇرغان.
تارىخ
丘就却(库居拉伽迪用嘶)
qiū jiù què
كۇجۇلا كادپىس