Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىيسىق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈز ۋە تەكشى ئەمەس، ئېگىلگەن، قىيسايغان.
تۈز ، توغرا، راۋۇرۇس، رۇس
ئەگرى - بۈگرى، ئوي - دوڭغۇل، قىڭغىر - قىيسىق ئەمەس.
ئىلىمدە تۈز يول يوق. يىلاننىڭ تۆشۈكى تۈز، ئۆزى ئەگرى. توغرا كىشى ئۇزار، ئەگرى كىشى توزار. راۋۇرۇس يۈر، ئەگرى يولدىن قورقما. ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ گېپىڭ تۈز بولسۇن. قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر كىشى بىر ياق. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قومۇشنى قىيا تۇتما، قولۇڭنى كېسىدۇ. قىرىق يىل قىڭغىر ئۆسكەن دەرەخ ئوتتۇز كۈندە تۈزەلمەس. مايماق ئېدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. ئەگرى ياغاچمۇ رۇس يانىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تىك ئەمەس، بىر تەرەپكە قىيسايغان، يانتۇ.
قىيسىق تام.
ئەگرى، قىڭغىر.
سەمەت قىڭغىر، قىيسىق ھەرپلەر بىلەن چوڭ خەتلىك گېزىتنى يېزىپ چىقتى.
قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار (ماقال).
كۆچمە. ناتوغرا، بولمىغۇر.
قىيسىق خىيال بىلەن ئۆزىنى ھالاكەتكە سۆرەپ ماڭغۇچى ئەي قىڭغىر كۆڭۈل مەخلۇق! شۇنى بىلگىنكى، تەۋەككۈلچىلىك ۋە قاراملىق سېنى ھەر قاچان ئۆلۈم غارىغا تاشلايدۇ.