Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
七省号起义
دۇنيا تارىخى
چىشېڭ ناملىق پاراخوت قوزغىلىڭى
ھىندۇنېزىيە ماتروسلىرىنىڭ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۆتۈرگەن قوراللىق قوزغىلىڭى. 1929 - 1933 - يىللاردا دۇنيا كاپىتالىستىك ئىقتىسادىي كرىزىس مەزگىلىدە، گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى كرىزىسىنى باشقىلارغا ئارىتپ قويۇش ئۈچۈن، ھىندۇنېزىيە خەلقىغە بولغان ئېكسپىلاتاتسىيىنى كۈچەيتكەن. 1931-يىلى 1-ئايدا، گوللاندىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى ماتروسلارنىڭ ئىش ھەققىنى %5 كېمەيتىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرگەن، 1932-يىلى يەنە %5 كېمەيتكەن ھەمدە 1933-يىلى 1-ئايغا بارغاندا يەنە %7 كېمەيتىشنى پىلانلىغان. ھىندۇنېزىيە، گوللاندىيە دېڭىزچىلىرى شۇ سەۋەبتىن 1932-يىلى 12-ئايدا سۇرابايادا ماتروسلار يىغىنى چاقىرىپ، نامايىش ئۆتكۈزگەن. 1933-يىلى 1-ئايدا بىر نەچە ھەربىي پاراخوت يولغا چىقىش بۇيرۇقىنى رەت قىلغان. مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى <چىشېڭ> ناملىق ھەربىي پاراخوتنى سۇرابايادىن سۇمارتراغا قاتناشقان بۇيرۇغان. شۇ يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى چوڭ ئاجېدا توختىغان <چىشېڭ> ناملىق ھەربىي پاراخوتتىكى ھىندۇنېزىيىنىڭ 200 دىن ئارتۇق ماتروسى، گوللاندىيە ماتروسلىرى بىلەن بىرلىشىپ، بىر قىسىم گوللاندىيە ئوفىتسېرلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن، پاراخوتتىكى قورال - ياراق ئامبىرىنى ئېچىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. قوزغىلاڭچى ماتروسلار ھەربىي پاراخوتنى ھەيدەپ سوماترادىن سۇراباياغا قايتىپ بېرىپ، نامايىشتا قولغا ئېلىنغان دېڭىزچىلارنى قويپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان. مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى دەرھال دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ھاۋا ئارمىيىسىنى يۆتكەپ توسقان. <چىشېڭ> ناملىق پاراخوت سۇندا بوغۇزىدا گوللاندىيىنىڭ بىر قانچە ھەربىي پاراخوتىنىڭ قورشاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ۋە ئايروپىلاننىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچراپ، قوزغىلاڭ دەھشەتلىك باستۇرۇلغان. بىراق قوزغىلاڭ ھىندۇنېزىيە خەلقىنىڭ گوللادنىيە مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى كۈرىشىگە ئىلھام بەرگەن. 1958-يىلى، قوزغىلاڭدا قۇربان بولغان 21 نەپەر ھىندۇنېزىيە ماتروسى مىلىي قەھرىمان دەپ جاكارلانغان.