Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
亲属制
دۇنيا تارىخى
تۇغقانلىق تۈزۈم
قانداشلىق ياكى تۇغقانلىق مۇناسىۋىتى بولغان كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىدىكى نام سىستېمىسى ياكى ئومۇمىي قۇرۇلمىسى تۇغقانلىق تۈزۈمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ خىل ئاتاش يالغۇز مۇئەييەن قانداشلىق ۋە تۇغقانلىق گۇرۇھىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يىراق - يېقىنلىق مۇناسىۋەتتە ئىپادىلىنىپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە بولغان مەجبۇرىيىتىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئامېرىكا ئانتېرپولوگى مورگاننىڭ تەتقىقاتىغا ئاسلانغاندا، تارىختا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ خىل ئاساسىي تۇغقانلىق تۈزۈم مەۋجۇت بولغان. ئۇلار مالاياچە تۇغقانلىق تۈزۈمى، تۇرانىلارچە ياكى كانوۋاننىيىچە تۇغقانلىق تۈزۈمى، ئارىيانچە تۇغقانلىق تۈزۈمىدە ئىبارەت. مالاياچە تۇغقانلىق تۈزۈمى پولىنېزىيىلىكلەر ئارىسىدىن تېپىلغان بولۇپ، ھاۋايلىقلارنىڭ تۇغقانلىق تۈزۈمى ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە تىپى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈرلەر بويىچە بولغانلىقىدا، يەنى، قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان بارلىق تۇغقانلار بىردەك بوغۇن بويىچە تۈرگە ئايرىلىپ، بەش بوغۇمغا بۆلۈنىدۇ (بوۋاي مومايلار، ئاتائانىلار، ئۆز قۇرامىدىكىلەر، ئوغۇل قىزلار، نەۋىلەر قاتارلىقلار). تەڭ بوغۇنلار ئوتتۇرىسىدا يىراق يېقىن تۇغقانلار پەرقلەندۈرۈلمەستىن، بىردەك ئۆزئارا ئاكائۇكا، ئاچاسڭىل دەپ ئاتىشىدۇ، ئالدىنقى بوغۇنلار تاغا، چوڭ دادا، ھامما ئاچا، كىچىك ئاپا دەپ پەرقلەندۈرۈلمەستىن، بىردەك ئاتائانا دەپ ئاتىلىدۇ، كېيىنكى بوغۇن تۇغقانلار جىيەن قىزىم، جىيەن ئوغلۇم دەپ پەرقلەندۈرۈلمەستىن، قىزىم، ئوغلى دەپ چاقىرىلىدۇ. تۇرانىيە (ئارىيانلار بىلەن سېمىتلاردى باشقا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىكى تۈركىي قەبىلىلەر گۇرۇھى) چە ياكى كانوۋاننىيە (شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئىندىئانلارنىڭ قەبىلە گۇرۇھى) چە تۇغقانلىق تۈزۈم دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئومۇملاشقان بولۇپ، ھىندىستانىڭ جەنۇبىدىكى تامىللارنىڭ تۇغقانلىق تۈزۈمى بىلەن شىماىي ئامېرىكىدىكى ئىروكىزلارنىڭ سېناك قەبىلىسىنىڭ تۇغقانلىق تۈزۈمى ئۇنىڭ تىپىك شەكلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى يەنىلا تۈرلەر بويىچە بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ھامما ئاچا، تاغا، جىيەن، نەۋرە ئاكائۇقا، نەۋرە ئاچاسىڭىللار ئايرىم ئايرىم ئاتىلىدۇ. ئارىيانچە تۇغقانلىق تۈزۈم مەرىپە دەۋرىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ھىندى ياۋروپا تىل سىستېمىسىدىكى ئارىيانلارىڭ تۇغقانلىق تۈزۈمى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى چۈشەندۈرۈش شەكلىدە، يەنى ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بارلىق ئاتىلىشلار بويىچە بولۇپ، ئۇنىڭدا، بىۋاستە، شىرەم تۇغقانلار ۋە ئەرئاياللىق تارمىقى بويىچە ھەربىر ئادەمنىڭ تۇغقانلىق مۇناسىۋەتتىكى تۇتقان ئورنى توغرا چۈشەندۈرۈپ ئېيتىلىدۇ. يۇقىرىقى ئۈچ خىل تۇغقانلىق تۈزۈم ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئايرىم ئايرىم ھالدا قانداش نىكاھلىق جەمەت، ئارىلاشما نىكاھلىق جەمەت ۋە بىر ئەر ـ بىر خوتۇنلۇق تۈزۈمدىكى ئائىلە شەكلىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. تۇغقانلىق تۈزۈم بىلەن ئائىلە شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت: مۇئەييەن ئائىلە شەكىلىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن شۇنىڭغا ئۇيغۇن بولغان مۇئەييەن تۇغقانلىق تۈزۈمى شەكىللەنگەن؛ تۇغقانلىق تۈزۈم بىلەن ئائىلە شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت: مۇئەييەن ئائىلە شكلىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن شۇنىڭغا ئۇيغۇن بولغان مۇئەييەن تۇغقانلىق تۈزۈمى شەكىللەنگەن؛ تۇغقانلىق تۈزۈمىنىڭ ئۆزگىرىشى ھامان ئائىلە شەكلىنىڭ تەرەققىياتىدىن كېيىن قالغان. موران ئەنە شۇ خىل مۇناسىۋەتكە ئاساسەن، مالاياچە تۇغقانلىق تۈزۈمدە بارلىققا كەلگەن، ئەمما ئاللىقاچان يوقىلىپ كەتكەن ئائىلە شەكلى - قانداشلىق ئائىلىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. مورگان <ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تۇغقانلىق تۈزۈمى> (1869) ناملىق ئەسىرىدە تۇغقانلىق تۈزۈمىنى تەپسىلىي تەھلىل قىلغان.