Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
七国时代
دۇنيا تارىخى
يەتتە دۆلەت دەۋرى
ئەنگلىيىنىڭ دەسلەپكى تارىخىدىكى يەتتە دۆلەت بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان دەۋر. مىلادى Ⅴ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن Ⅵ ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىنگلىزلار، ساكسونلار ۋە جۇتېسلار كەينى - كەينىدىن ياۋروپا قۇرۇقلۇقىدىن دېڭىز ئارقىلىق برىتانىيە ئارىلىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. يەرلىك كېلتلارنى بويسۇندۇرۇش جەريانىدا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇقداشلىق قەبىلىلىرى تېزدىن پارچىلىنىپ، Ⅶ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يەتتە پادىشاھلىق بولۇپ شەكىللىنىپ، يەتتە دۆلەت دەۋرى باشلانغان، بۇ يەتتە دۆلەت: شەرقىي سېكس، جەنۇبىي سېكس، غەربىي سېكس، شەرقىي ئانگلىيە، مېرسىيە ۋە نورسۇمبېرىيە، كېنت قاتارلىقلارىدن ئىبارەت. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ، بىردەم بۆلۈنۈپ، بىردەم قوشۇلۇپ تۇرغان. نورسۇمبىرىيىنىڭ كورۇلى ئېدۋىن ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغاندا (تەخمىنەن 606 - 326)، بىر مەھەل مۇشۇ بىر نەچچە دۆلەتنىڭ (كېنتدىن باشقا) پاترىئارخالى بولغان. مېرسىيە كورۇلى ئوففا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان چاغدا (تەخمىنەن 757 - 796)، خۇمبېر دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرغان ھەمدە قۇدا بولۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق نورسۇمبېرىيىنى كونترول قىلغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، يەتتە دۆلەت كەينى - كەينىدىن دانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. Ⅸ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربىي سېكسنىڭ كورۇلى ئېگبېرت ئالتە دۆلەتنى قوشۇۋېلىپ، بىرلىككە كەلگەن ئەنگلىيە پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ، يەتتە دۆلەت دەۋرى ئاياغلاشقان. يەتتە دۆلەت دەۋرىدە ئەنگلىيە فېئوداللىق تۈزۈم شەكىللىنىشنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە تۇرغانلىقتىن، جىسمانىي بېقىندىلىق ۋە يەرنى سۇيۇرغال قىلىش ئىشى راۋاجلىنىۋاتقانىدى.