Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
遣隋使
دۇنيا تارىخى
سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر
ياپونىيەنىڭ تۇيگۇ سۇلالىسى جۇڭگونىڭ سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلەر. جۇڭگونىڭ<سۈينامە، ياپونىيە تەزكىرىسى> دېگەن كىتابىدا خاتىرلىنىشىچە، كەيخۇاڭنىڭ 20 - يىلى(600 - يىلى) ياپونىيە تېننوسى ئەلچى ئەۋەتىش يارلىقى چۈشۈرگەن. بۇ ئەڭ دەسلەپكى بىرقېتىملىق خاتىرە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 607 - يىلى ۋەلىئەھد شىندې ئونۇئىموكونى ئەلچى قىلىپ، دۆلەت خېتى بىلەن سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن. ئىككىچنى يىلى 9 - ئايدا يەنە ئونۇئىموكونى ئوقۇشقا بارىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلار تاكابۇكوگېنلى، ئىنافۇچى، سوتامى قاتارلىقلار بىلەن سۈي سۇلالىسىگە ئەۋەتكەن. 614 - يىلى ئىنوكامى ھېندېننى سۈي سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە ئەۋەتكەن. سۈي سۇلالىسىگەئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەرنىڭ پېشۋالىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بەزى ئوقۇغۇچىلار ۋە راھىبلار جۇڭگوداتاڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە تۇرۇپ، ئاندىن ۋەتىنىگە قايتقان.