Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
前氏族公社
دۇنيا تارىخى
ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن ئىلگىرىكى كوممۇنا
<ئىپتىدائىي ئۇرۇقداشلىق> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلات. ئىپتىدائىي كوممۇنا تۈزۈمى ئادەتتە ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن ئىلگىرىكى كوممۇنا ۋە ئۇرۇقداشلىق كوممۇنا (ماترىئارخاللىق ۋە پاترىئارخاللىق دەۋر) دەپ ئىككى چوڭ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ. بەزى ئالىملار ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمىدىن ئىلگىرىكى كوممۇنانى ئىپتىدائىي توپ بىلەن ئۇرۇقداشلىق كوممۇنا ئارىلىقىدا ئۆتكەن نادانلىق دەۋرىنىڭ ئوتتۇرا باسقۇچىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىگە، تەخمىنەن 3 مىليون يىلدىن 30 - 40 مىڭ يىل ئاۋۋالغىچە توغرا كېلىدۇ دەپ ھېسابلىغان. بۇ دەۋرنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى مايمۇنسىمان ئادەملىرى (ئىش قىلالايدىغان ئادەم)، كېيىنكى مەزگىلدىكى مايمۇنسىمان ئادەملىرى (ئۆرە ماڭالايدىغان ئادەم) ۋە دەسلەپكى ئەقىللىق ئادەم (نىئاندېرتال ئادەم) لەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئائىلە شەكلى قانداشلىق ئائىلە، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى كونا تاش قوراللار دەۋرىنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا مەزگىلىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ قارىغان.