Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
枪劫婚
دۇنيا تارىخى
ئەپقېچىپ نىكاھلىنىش
يەنى بۇلاپ نىكاھلىنىش. ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە بارلىققا كەلگەن بىر خىل نىكاھلىنىش شەكلى. بۇ ئەرلەرنىڭ زورلۇق كۈچ بىلەن باشقا قەبىلىلەردىن ئۆزىگە جۈپ ئەپقېچىپ كېلىشنى كۆرسىتىدۇ. تەخمىنەن توپ نىكاھلىنىشىتىن - جۈپ نىكاھلىنىشقا، ئانا جەمەت ئۇرۇقداشلىقتىن - ئاتا جەمەت ئۇرۇقداشلىققا ياكى خوتۇن تەرەپتە تۇرۇشتىن ئەر تەرەپتە تۇرۇشقا قاراپ ئۆتىۋاتقان ئۆتكۈنچى دەۋردە بارلىققا كەلگەن. جۈپ نىكاھلىنىش شارائىتدا ئەرلەر توپ نىكاھلىنىش شارائىتىدىكى كۆپ خوتۇنلۇق ھوقۇقىدىن مەھرۇم بولغاچقا، مۇشۇ خىل ھوقۇقنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاياللارنى ئەپقېچىش ھادىسىلىرىنى سادىر قىلغان بولسا كېرەك. كېيىن خۇسۇسىي مۈلۈكچىلىك ۋە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئەپقېچىش يېڭى خاراكتىر ۋە يېڭى مەزمونغا ئىگە بولغان. ئاياللارنى بىر خىل مۈلۈك ۋە قۇل سۈپىتىدە بۇلاڭ - تالاڭ قىلىدىغان ۋە ئېلىپ - ساتىدىغان بولۇپ قالغان. ئۆزگەرگەن بىر خىل ئۆرپ - ئادەت سۈپىتىدە ئەپقېچىپ نىكاھلىنىشنىڭ قالدۇقلىرى بەزى قەبىلە ۋە مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى كۆپرەك. يىگىت ئۆزى ياكى ئۇنىڭ يارۇ - بۇرادەرلىرى بىلەن بىرلىكتە زورلۇق كۈچ ئىشلەتكەن قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، كېلىننى ئائىلىسىدىن ئەپقاچقان. ئەپقېچىپ نىكاھلىنىش بىر خىل ئائىلە شەكلىنى ھاسىل قىلالمايدۇ بەلكى پەقەت بىر خىل جورا ئىزدەش ئۇسۇلىدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئومۇملۇققىمۇ ئىگە ئەمەس. ئەنگلىيەلىك ئالىم ماكلېننان تۇنجى قېتىم <ئەپقېچىپ نىكاھلىنىش> دېگەن بۇ ئاتالغۇنى قوللانغان، ئۇ بۇنى گويا ئومۇميۈزلۈك ئائىلە شەكلى دەپ قارىغان ھەمدە ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان <قەبىلە سىرتىدىن نىكاھلىنىدىغان> قەبىلە بىلەن <قەبىلە ئىچىدە نىكاھلىنىدىغان> قەبىلىنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى، شۇنىڭدەك بوۋاق قىزلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىشتىن پەيدا بولغان قىزلارنىڭ كەمچىل بولۇشىنى ئەپقېچىپ نىكاھلىنىشنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى سەۋەب دەپ قارىغان. بۇ خىل نۇقتىئىنەزەرنىڭ ھېچبىر ئاساسى يوق ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان.