Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىيام
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
شىرنە، شەرۋەت.
مېۋە قىيام تۇتماق. * قىيام باغلىماق. * قىيامىغا يەتمەك.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
دەل چۈش ۋاقتى.
قىيام ۋاقتى. * كۈن قىيام بولدى.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىك تۇرۇش، قۇياشنىڭ تىكلىنىشى؛
گەر قىيامۇ گەر قىرائەت، گەر رۇكۇئۇ گەر سۇجۇد،
ھەرنە قىلغاي بىرى ئۆز يېرىندە سادىر بولماغاي.
نەۋايى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تىك تۇرماق، قىيام تۇرماق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈندۈز سائەت 12 بولغان ۋاقىت
ئەخمەتنىڭ ئەقلى چۈشتىن كېيىن كېلەر. قىيام ۋاقتىدا كۈن نۇرى تىك چۈشىدۇ. پېشىن قازا بولمىسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىشىپ يېتىلگەن مېۋىلەردىكى قەنت ماددىسى، شۇنىڭدىن قىلنغان شېرىن سۇيۇقلۇق.
ئۆلۈم شەربىتى ئاچچىق بولسىمۇ ھەممە ئىچەر. ھەرە يازدا ئىشلەپ، قىشتا شىرنە يەر. شېكەر قىيامىغا يەتكەندە قىيام بولار. شىرنىسى تاتلىق بولسا، يېيىشلىك بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
شېكەر، شىرنىلەر ئېرىتمىسىنى قاينىتىش ئارقىلىق تەييارلانغاق قويۇق شەربەت.
مۇراببا.
ئالما قىيامى. ئەنجۈر قىيامى. قىيام بولماق. قىيامىغا كەلمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆرە تۇرۇش، تىك تۇرۇش.
قىيامدا تۇرماق.
كۈن تىكلەنگەن چاغ، چۈش.
سۇنبۇلە ئېيىنىڭ باشلىرى، قىيامدىن ئېگىلگەن ئوچۇق كۈن غۇلجا شەھىرىنىڭ ئۈستىدە يالتىرايتتى.
بىرەر ئىش، پائالىيەت قاتارلىقلاردا تەلەپ قىلىنغان يۇقىرى دەرىجە، چەك.