Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
恰卡
دۇنيا تارىخى
چاكا
(تەخمىنەن 1787 - 1828) جەنۇبىي ئافرىقىدىكى زۇلۇلار دۆلىتىگە ئاساس سالغۇچى. زۇلۇ قەبىلىسى باشلىقىنىڭ نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسى. 22 يېشىدا ئەسكەرلىككە ئېلىنغان، كېيىن دىگىسىۋايو قوشۇنىدا كوماندىر بولغان. 1816-يىلى دادىسى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، دىنگىسۋايونىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، زۇلۇ قەبىلىسىگە قەبىلە باشلىقى بولغان. كېيىنكى يىلى دىنگىسىۋايو ئۇرۇشتا قۇربان بولغاندىن كېيىن، زۇلۇ دۆلىتىنى قۇرۇپ، ھەربىي ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇپ، قەبىلە چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان ئەرلەرنى ياش دەرىجىسى بويىچە رەتكە ئايرىپ، جەڭگىۋار قوشۇن تەشكىللىگەن؛ ياۋروپادىن قورال - ياراق سېتىۋېلىپ، زىچ جەڭگىۋار ئەترەت شەكلى ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇم بىلەن ياندىن ھۇجۇم قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشتەك يېڭى ئۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللانغان؛ ھاىرقى ناتال، ترانسىۋال، ئورېنج ۋە مۇزامبېك قاتارلىق جايلاردىكى قەبىلىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەنگلىيە ۋە بۇر مۇستەملىكىچىلىرىگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرغان. 1826-يىلى ئۆگەي تاغىسى دىنگائان قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن