Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىيا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
قىر، ئۇچ؛ تىك.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
قىر، ئۇچ؛ قىيا باقماق - كۆز قىرى بىلەن قارىماق؛ قىيا يول - يانباغىر يول، خەۋپلىك يول.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈز ۋە تەكشى ئەمەس، ئېگىلگەن، قىيسايغان.
تۈز ، توغرا، راۋۇرۇس، رۇس
ئەگرى - بۈگرى، ئوي - دوڭغۇل، قىڭغىر - قىيسىق ئەمەس.
ئىلىمدە تۈز يول يوق. يىلاننىڭ تۆشۈكى تۈز، ئۆزى ئەگرى. توغرا كىشى ئۇزار، ئەگرى كىشى توزار. راۋۇرۇس يۈر، ئەگرى يولدىن قورقما. ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ گېپىڭ تۈز بولسۇن. قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر كىشى بىر ياق. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قومۇشنى قىيا تۇتما، قولۇڭنى كېسىدۇ. قىرىق يىل قىڭغىر ئۆسكەن دەرەخ ئوتتۇز كۈندە تۈزەلمەس. مايماق ئېدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. ئەگرى ياغاچمۇ رۇس يانىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تۈز ئەمەس، ھەر تەرەپكە ئېگىلگەن.
ھەممىلا ئەگرى ياغاچ با بولىۋەرمەيدۇ. ئەگرىنىڭ سايىسىمۇ ئەگرى. ئەگرى قوزۇققا دوناي توقماق. ئەگرى سۆز باش يارار. ھاسىنىڭمۇ ئەگرى - بۈگرىسى بار. ساياھەتچىلەر چۈشكەن ئاپتوبۇسلار ئەگرى - توقاي تاغ يولىدا توختىماي ئىلگىرىلەيتتى. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلىدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىڭغىر پۇتاققا ئۆتكۈر پالتا. قارىغۇغا قىسىق كۆزمۇ سۇلتان. قىيسىق بولساڭ، قىرلىنىسەن. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قىڭغىر - قىيسىق ياغاچمۇ تۈز كۆيىدۇ. سىڭايان قارىغانغا تۈز سىڭايان كۆرۈنەر. قومۇشنى قىيا تۇتما قولۇڭنى كېسىدۇ. قىيپاش ياغاچ لىم بولماس. يانتۇرنىڭ سايىسىمۇ يانتۇ. ئەگمەچ تاياق ھاسا بولماس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تاغۇ تاشلار ۋە سۇ بويىنىڭ ئۇيۇلۇپ كەتكەن يېرى.
<ھاڭ> بەك چوڭقۇر ئويۇلغان يەر.
<گىلاڭ> قۇمۇل شېۋىسىدە <تىك يار>.
<ئۇچۇرۇم>، <ئۇچما> لار ئەڭ خەتەرلىك چوققا.
ياردىن غۇلىساڭمۇ ياۋغا بوي بەرمە. يارنى چىم بېكتىدۇ. تىڭ قىياغا مىڭ يىل قاراپ تۇرساڭمۇ ئۇنىڭدىن بىرەر يوچۇق پەيدا بولمايدۇ. جاپا - مۇشەققەت تالانت ئىگىلىرى ئۈچۈن پەلەمپەي، قاۋۇللار ئۈچۈن دۆلەت، ئاجىزلار ئۈچۈن تېگى يوق ھاڭدۇر. ئالدىمىزدىكى يارداڭدىن ساق - سالامەت ئۆتسەڭ، ئۇ تەرىپى تۈز يول.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
تولدۇرۇپ ئېيتىلىدىغان سۆزلەردە ياكى تەركىبىدە «غ _ »، «ق _ » ھەرپلىرى بولغان سۆزلەردە قوللىنىلىدىغان كىچىكلىتىش قوشۇمچىسى. ئوغۇلقىيا _ ئوغۇلچىقىم. قىزقىيا _ قىزچىقىم. (« قىيا» قوشۇمچىسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن مىساللارنىڭ ئەسلىدە شەخس قوشۇمچىسى بولمىسىمۇ، ئەرەپچىسىدە بىرىنچى شەخسلىك مەنىسى بېرىلگەن. بىز ئەرەپچىسىدە ئىپادىلەنگەن شەخس مەنىسىنى ئىپادىلىدۇق. بۇ قوشۇمچىنىڭ بۇنىڭدىن بىر سۆز كېيىن بېرىلگەن تىل ئالدى سوزۇق تاۋۇشتىن قۇرۇلغان شەكلىگە كەلتۈرۈلگەن مىساللاردا بولسا، ئەرەپچە شەخس مەنىسى بىرىلمىگەن. سېلىشتۇرۇپ كۆرەرسىز.).
3 - 233
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. تاغ، ئىدىرلاردىكى تىك يار.
ئۇلار ساينىڭ ئاغزىدىكى قىياغا ئۆمىلەپ چىقتى.
سۈپ. قىرلىق، تىك ۋە چوڭ.
قىياتاش.
رەۋ. بىرئاز بۇرۇلۇپ، يېنىچە؛ كۆز قىرى بىلەن؛ يانتۇ، قىيسىق.
- بولمايدۇ، سادىق، - دېدى مۇزەپپەر ئۇنىڭغا قىيا قاراپ قويۇپ.
رەۋ. يېرىم - يارتا، بىرئاز.
ئۇدۇلدىكى يوغان نەقىشلىك ئىشىك قىيا ئوچۇق تۇراتتى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قەدىمكى ئۇيغۇرلار كۆپ قوللانغان ئىسىم. خەتەرلىك تاغ چوققىسى دېگەن مەنىدە.