Chinese→Uyghurئاساسىي لۇغەت
七.二六运动
دۇنيا تارىخى
26 - ئىيۇل ھەرىكىتى
كۇبانىڭ پارتىيە تەشكىلاتى. 1952 - يىل 7 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، فىدېل كاسترو (1926 - ) قوزغىلاڭچىلارنى باشلاپ سانتياگونىڭ شەرقىي شىمالىدكى مونكادا ھەربىي لاگېرغا تۇيۇقسىز قوراللىق ھۇجۇم قىلىپ، ھاكىممۇتلەقلىككە قارشى كۈرەشنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئاچقان. شۇ تارىخىي ۋەقەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، قوزغىلاڭچىلار ئۆز تەشكىلاتىغا <26 - ئىيۇل ھەرىكىتى> دەپ نام قويغان. ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇششاق بۇرژۇئازىيىنىڭ ياش زىيالىيلىرى ئىدى. 1956 - يىل 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، <26 - ئىيۇل ھەرىكىتى> مېكسىكىدا تەشكىللىنىپ كۇبانىڭ ئاۋلاند ئۆلكىسىدە قۇرۇقلۇققا چىققان ھەمدە مائېسترا تاغ رايونىدا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسىنى قرۇغان. ئىككى يىلدىن كۆپرەك كۈرەش قىلىش ئارقىلىق 1959 - يىل 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى باتىستا ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1961 - يىلى 7 - ئايدا، كوبا خەلق سوتسىيالىستلار پارتىيىسى بىلەن 13 - مارت ئىنقىلابىي يېتەكچى كومىتېتى قوشۇلۇپ، كوبانىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىنقىلابىي تەشكىلاتىنى قۇرغان. 1962 - يىلى 5 - ئايدا كۇبا سوتسىيالىستىك ئىنقىلابىي بىرلىككە كەلگەن پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن. 1965 - يىلى 10 - كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيىسى دەپ ئۆزگەرتىلگەن.