Uyghurئاساسىي لۇغەت
قىڭغىر
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
تۈز ۋە تەكشى ئەمەس، ئېگىلگەن، قىيسايغان.
تۈز ، توغرا، راۋۇرۇس، رۇس
ئەگرى - بۈگرى، ئوي - دوڭغۇل، قىڭغىر - قىيسىق ئەمەس.
ئىلىمدە تۈز يول يوق. يىلاننىڭ تۆشۈكى تۈز، ئۆزى ئەگرى. توغرا كىشى ئۇزار، ئەگرى كىشى توزار. راۋۇرۇس يۈر، ئەگرى يولدىن قورقما. ئۆزۈڭ قىڭغىر بولساڭمۇ گېپىڭ تۈز بولسۇن. قىرىق كىشى بىر ياق، قىڭغىر كىشى بىر ياق. قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر. قىيسىققا كەمسىتىپ قارىما، كۆزۈڭگە قادىلار. قومۇشنى قىيا تۇتما، قولۇڭنى كېسىدۇ. قىرىق يىل قىڭغىر ئۆسكەن دەرەخ ئوتتۇز كۈندە تۈزەلمەس. مايماق ئېدىشنىڭ قاپقىقىمۇ مايماق. ئەگرى ياغاچمۇ رۇس يانىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
تۈز سىزىق بويلاپ يۆنەلمىگەن، ئەگرى.
ئۇ قەدىمكى ياڭزىدا تىكىلگەن قىڭغىر ياقىلىق خەسە كۆڭلىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۈگمىسىنىمۇ ئېچىۋەتكەنىدى.
بىر تەرەپكە قىڭغايغان، قىيسايغان.
ئۇ ئۈستى يېكەن بىلەن يېپىلغان قىڭغىر ئۆيلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى.
كۆچمە. ئالدايدىغان، ھىيلە - نەيرەڭ ئىشلىتىلگەن، ساختا.
قىڭغىر ئىش قىرىق يىلدىن كېيىنمۇ بىلىنەر (ماقال).
كۆچمە. بىر ئەزاسى بىر تەرەپكە قىڭغايغان.
ئۇلارنىڭ بىرى قىڭغىر، بىرى كور، بىرى كېكەچ، بىرى دوك، بىرى چولاق، بىرى كەمشۈك ئىكەن.